تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرەيلى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي–قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تارقاتقان ‹‹مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى، مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىدا سىياسىي – قانۇن سېپىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. تۈپ مەيداندا، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، مۇھىم ھالقىلارنى، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىيلاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات سىياسىي ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بەشتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي – قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشى، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاش، ئەستايىدىل تەشكىللەش، ئەتراپلىق يولغا قويۇش، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك. باش نىشانغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش بىلەن مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى ‹‹چىۋىنلەرنى يوقىتىش›› بىلەن، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باشتىن – ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، بالدۇر، كىچىكىدە زەربە بېرىش، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ساھەسى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. قوشۇننىڭ خىزمەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تىرىشىپ پارتىيەگە سادىق، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2018 – يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى