تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ،جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.   (  سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشىلىك ۋەكىل 548، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 529 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى.

  تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بەنزىسىگە ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى، پارتىيە، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن بويىچە بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىمىز. بىز پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇپ چىقىمىز؛ دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىننى ياخشى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى ماددىي ئاساس ۋە كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز؛ خەلقنى مەركەز قىلغان ھۆكۈمەت خىزمىتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاساسىي قانۇن روھىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىشلەپ، قانۇن – تۈزۈم يولىغا سېلىپ ئىشلەپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىدا مەن يەنە بىر قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندىم، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەندىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماڭا مۇھىم تاپشۇرۇقنى يۈكلىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەي، نام – شۆھرەت قوغلاشماي، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىپ، توختىماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمەن.

  شاۋكەت ئىمىن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، قۇرۇلتايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندىم. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماڭا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا، مېنى تەربىيەلىگەنلىكىگە ۋە ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بارلىق ۋەكىللەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە، مېنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، تارىخىي مۇساپىدىكى بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشنى ياخشى تاماملاپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەشنى خىزمەت ئورنۇمدا قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىمدە قەتئىي نامايان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىي باشلامچى بولۇپ، نەمۇنىچى بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمەن؛ يېڭى ئىدىيەنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپە ۋە خىزمەت باش تېمىسى قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدايدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن؛ دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن؛ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش، زور مەسىلىلەردە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشنى كۈچەيتىمەن، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىمەن، خەلق ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىمەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمەن؛ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن كالتسىي تولۇقلاپ، ئۇستىخاننى چىڭىتىپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، ئىنتىزامغا ۋە قائىدىگە رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، پاك – تەلەپچان بولۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

  يىغىن دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى