تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

  شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاپ چىقتى.

  بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 536 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 20 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. ئارقىدىن سايلام رەسمىي باشلاندى. بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى بېلەت ساندۇقىنى ئېچىپ، سايلام بېلىتىنى ئالدى، بېلەت ھېسابلاش خادىملىرى يىغىۋېلىنغان سايلام بېلىتىنى سانىدى، سېلىشتۇردى، بېلەتنى ساناش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى چېن چۈەنگو سايلامنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بېلەت ھېسابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىم بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئوقۇدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى چېن چۈەنگو سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى.

  شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى؛ لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ مۇئاۋىن مۇدىرلىققا سايلاندى؛ ۋاڭ يۇڭمىڭ باش كاتىپلىققا سايلاندى؛ ۋاڭ جۈن قاتارلىق 49 كىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى؛ ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، جاڭ چۈنلىن، جارۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا، مەڭلىك سېيىت، قادىربېك قامزا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

  باھارگۈل سەمەت ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلاپ چىقىلدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشىغا يوللاندى.

  سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  يىغىندا يەنە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار – ئەدلىيە كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، مىللەت – دىن – تاشقى ئىشلار – چياۋمىنلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى قاتارلىق كومىتېتلارنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەر؛ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئايرىم – ئايرىم باش بولۇپ قەسەم بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى