ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ پوسكام ناھىيە كۇيباغ يېزا سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 21-يانۋار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› مەزمۇن قىلىنغان ‹‹گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى›› تېمىسىدىكى مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، كەشتىچىلىك كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقاندىن باشقا، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چاغان بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.