تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ تەرجىمىھالى

نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ تەرجىمىھالى

     نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەر، قازاق، 1962 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قورغاستىن، 1985 – يىلى7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 5 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.  

     1981 – يىلى9 – ئايدىن 1985 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985  –  يىلى 7  –  ئايدىن 1987 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ياردەمچى سوتچى، سوتچى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، قوشۇمچە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، مۇۋەققەت مەھكىمە باشلىقى بولغان؛ 1987 – يىلى 3 – ئايدىن 1992 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇز تارا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1990 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1992 – يىلى 1 – ئايدىن 1993 – يىلى 5 –  ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 5 –  ئايدىن 2001 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1995 – يىلى 5 – ئايدىن 1995 – يىلى 12 – ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىدا مۇدىر ياردەمچىسى ۋەزىپىسى بىلەن  چېنىققان؛ 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 10 – ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي كەسپىدە ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 – يىلى7 – ئايدىن 2002 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ  مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2002 – يىلى 1 – ئايدىن 2002 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2006 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان(ئارىلىقتا 2004 – يىلى 4 – ئايدىن 2005 – يىلى 9 – ئايغىچە، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي  –  قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان)؛ 2006 – يىلى 10 – ئايدىن 2008 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2008 – يىلى 1 – ئايدىن 2013 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2013 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.
     پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 16 –، 18 –، 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.

چېڭ جېنشەننىڭ تەرجىمىھالى

     چېڭ جېنشەن، ئەر، خەنزۇ، 1957 – يىلى 5 – ئايدا تۇغۇلغان، خېبىي گاۋيىدىن، 1975 – يىلى 12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن،  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

     1975 – يىلى 12 – ئايدىن 1978 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆكتوقاي ناھىيەلىك سۇ ئېلېكتىر ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان (ئارىلىقتا1976 – يىلى 10 – ئايدىن 1978 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى سۇچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىقى كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1978 – يىلى 11 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل  –  ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1982 – يىلى 7 – ئايدىن 1985 –  يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1985 – يىلى 1 – ئايدىن 1989 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 9 – ئايدىن 1988 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1989 – يىلى 1 – ئايدىن 1991 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلى 2 – ئايدىن 1992 – يىلى 10– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورغاس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1992 – يىلى 10 – ئايدىن 1994 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورغاس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1994 – يىلى 7 – ئايدىن 1997 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1997 – يىلى 11 – ئايدىن 1998 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى جەمئىيەت باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان (باشقارما دەرىجىلىك)؛ 1998 – يىلى 2 – ئايدىن 2000 – يىلى 11 –  ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى جەمئىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2000 – يىلى 11 – ئايدىن 2003 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان(ئارىلىقتا2002  –  يىلى 3  –  ئايدىن 2002  –  يىلى 5  –  ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمى تاللانغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2003 – يىلى 11 – ئايدىن 2003 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(ئارىلىقتا2003 – يىلى 8 – ئايدىن 2003 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىقات – تەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىدە چېنىققان)؛ 2003 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛ 2006 – يىلى 11 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2011 – يىلى 7 – ئايدىن 2011 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2011 – يىلى 8 – ئايدىن 2013 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار؛ 2013 – يىلى 1 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2016 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2016 – يىلى – 11 – ئايدىن 2017 – يىلى 3 – ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2017 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېسىت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى.
     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.

جۈرئەت ئىمىننىڭ تەرجىمىھالى

     جۈرئەت ئىمىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1958 – يىلى 11 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ خوتەندىن، 1976 – يىلى 10 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتۇرىيەسىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      1976 – يىلى 10 – ئايدىن 1978 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەسى ئاۋانگارت گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان؛ 1978 – يىلى 8 – ئايدىن 1979 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تەرجىمانى بولغان؛ 1979 – يىلى 10 – ئايدىن 1981 – يىلى 8 – ئايغىچە چاڭچۈن سانائەت ئىنستىتۇتى گېئولوگىيەلىك چارلاش – قېدىرىش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1981 – يىلى 8 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتىنىڭ تەرجىمانى بولغان؛ 1982 – يىلى 7 – ئايدىن 1986 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا 1983 – يىلى 9 – ئايدىن 1984 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى كەسپى مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1984 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1986 – يىلى 10 – ئايدىن 1988 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1991 – يىلى 12 – ئايدىن 1996 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1996 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1996 – يىلى 11 – ئايدىن 2000 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پەن – تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى بولغان (1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 2 – ئايدىن 2001 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پەن – تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2001 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (ئارىلىقتا 2005 – يىلى 9 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2006  –  يىلى 9 – ئايدىن 2008 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2008 – يىلى 2 – ئايدىن 2012 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2012 – يىلى 1 – ئايدىن 2012 –  يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2012 –  يىلى 3 – ئايدىن 2012 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2012 – يىلى – 11 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى (2012 – يىلى 12 – ئاي)، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى) نىڭ رەئىسى (باشلىقى).

     11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

ماغاۋ سېيتقامزانىڭ تەرجىمىھالى

     ماغاۋ سېيتقامزا، ئەر، قازاق، 1957 – يىلى 5 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ چىڭگىلدىن، 1974 – يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.

     1974 – يىلى 7 – ئايدىن 1976 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىڭگىل ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىدا زىيالىي ياش بولغان؛ 1976 – يىلى 7 – ئايدىن 1984 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1984 – يىلى 10 – ئايدىن 1987 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 2 – ئايدىن 1987 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ كاتىباتلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1987 – يىلى 11 – ئايدىن 1992 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا شەھەرلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 3 – ئايدىن 1992 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 12 – ئايدىن 1993 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، مۇۋەققەت ھاكىمى بولغان (1992 – يىلى 9 – ئايدىن 1993 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش – ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1993 – يىلى 2 – ئايدىن 1997 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان؛ 1997 – يىلى 4 – ئايدىن 2002 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1997 – يىلى 8 – ئايدىن 1999 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ تولۇق كۇرستا ئوقۇغان؛ 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ 1 – قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2001 – يىلى 5 – ئايدىن 2001 – يىلى 11 – ئايغىچە دۆلەت تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىدە چېنىققان؛ 2002 – يىلى 1 – ئايدىن 2006 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (ئارىلىقتا 2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2004 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2005 – يىلى 1 – ئايدىن 2005 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيەسى پائالىيىتى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان)؛ 2006 – يىلى 6 – ئايدىن 2008 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008 – يىلى 8 – ئايدىن 2008 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2008 – يىلى 9 – ئايدىن 2013 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان؛ 2013 – يىلى 1 – ئايدىن 2017 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2017 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.   

جاڭ بونىڭ تەرجىمىھالى

     جاڭ بو، ئەر، خەنزۇ، 1957 – يىلى 6 – ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي داڭياڭدىن، 1975 – يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 – يىلى 1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

     1975 – يىلى 9 – ئايدىن 1978 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى 1 – ماي دېھقانچىلىق مەيدانىدا زىيالىي ياش بولغان؛ 1978 – يىلى 11 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ 1 – ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىقتىسادى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1982 – يىلى 7 – ئايدىن 1985 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1985 – يىلى 3 – ئايدىن 1988 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمى ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارمىسىدا كادىر، مۇئاۋىن مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1993 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1993 – يىلى 7 – ئايدىن 1994 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمى سىياسەت تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشقارما دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى بولغان؛ 1994 – يىلى 6 – ئايدىن 1995 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باغراش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (ھاكىم دەرىجىلىك) بولغان؛ 1995 – يىلى 6 – ئايدىن 1999 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باغراش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999 – يىلى 2 – ئايدىن 2001 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2001 – يىلى 8 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1999 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 1 – ئايدىن 2005 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2005 – يىلى 4 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 2 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2011 – يىلى 7 – ئايدىن 2011 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2011 – يىلى 8 – ئايدىن 2015 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 9 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2015 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
     پارتىيە 17 –، 18 – قۇرۇلتىيى ۋەكىلى.

مۇتەللىپ ئوبۇلنىڭ تەرجىمىھالى

     مۇتەللىپ ئوبۇل، ئەر، ئۇيغۇر، 1958 – يىلى 7 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1977 – يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1989 – يىلى 1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، 2 – دەرىجىلىك سودىيە.

     1977 – يىلى 7 – ئايدىن 1978 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا زىيالىي ياش بولغان؛ 1978 – يىلى 9 – ئايدىن 1983 – يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1983 – يىلى 7 – ئايدىن 1984 – يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1984 – يىلى 7 – ئايدىن 1994 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە كادىر، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 3 – ئايدىن1985 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى تەشۋىقات كادىرلىرى سىياسىي نەزەرىيە كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1994 – يىلى 10 – ئايدىن 1995 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدە بۆلۈم دەرىجىلىك تەشكىلاتچى بولغان؛ 1995 – يىلى 8 – ئايدىن 1996 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەشكىلاتچىسى بولغان؛ 1996 – يىلى 10 – ئايدىن 1999 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1997 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1999 – يىلى 6 – ئايدىن 2000 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 2000 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (ئارىلىقتا 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2006 – يىلى 6 – ئايدىن 2011 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2011 – يىلى 2 – ئايدىن 2011 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2011 – يىلى 9 – ئايدىن 2012 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2012 – يىلى 3 – ئايدىن 2015 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2015 – يىلى 4 – ئايدىن 2016 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2016 – يىلى 1 – ئايدىن 2018 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

     12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى.

كۇڭ شىڭلۇڭنىڭ تەرجىمىھالى

     كۇڭ شىڭلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962 – يىلى 10 – ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ تۇڭۋېيدىن، 1984 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئالىي ئاگرونوم.

     1980 – يىلى 9 – ئايدىن 1984 – يىلى 8 – ئايغىچە شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1984 – يىلى 8 – ئايدىن 1986 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى مائارىپ باشقارمىسىدا كادىر بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 6 – ئايدىن 1986 – يىلى 6 – ئايغىچە شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ سىرتتىن تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1986 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى يېزا ئىگىلىك باشقارمىسىدا بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1993 – يىلى 3 – ئايدىن 1995 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى 6 – تۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭ بولغان (ئارىلىقتا 1993 – يىلى 10 – ئايدىن 1993 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تۈەن (مەيدان) باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1995 – يىلى 2 – ئايدىن 1998 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى 5 – تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ بولغان؛ 1998 – يىلى 2 – ئايدىن 2001 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ بولغان (ئارىلىقتا 1999 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 – يىلى 1 – ئايدىن 2004 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 13 – شىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭ بولغان (ئارىلىقتا 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2004 – يىلى 1 – ئايدىن 2004 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭ، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2004 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ شىجاڭى، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2002 – يىلى 9 – ئايدىن 2005 – يىلى 7 – ئايغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى پارتىيە مەكتىپى بىرلىكتە باشقۇرغان ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا خەلق ئىگىلىكى كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2006 – يىلى 1 – ئايدىن 2006 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ شىجاڭى، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2006 – يىلى 2 – ئايدىن 2007 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ شىجاڭى، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ باشلىقى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2007 – يىلى 7 – ئايدىن 2007 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ باشلىقى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2007 – يىلى 9 – ئايدىن 2008 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ئوتۇنكوزا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008 – يىلى 5 – ئايدىن 2017 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان (ئارىلىقتا 2014 – يىلى 5 – ئايدىن 2014 – يىلى 7 – ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2016 – يىلى 11 – ئايدىن 2017 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2017 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار.

دۇۋ ۋەنگۈينىڭ تەرجىمىھالى

     دۇۋ ۋەنگۈي، ئەر، خەنزۇ، 1962 – يىلى 10 – ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ شۈجۇدىن، 1982 – يىلى 10 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 – يىلى 1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە – سىياسىي مائارىپ كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

     1980 – يىلى 9 – ئايدىن 1982 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1982 – يىلى 10 – ئايدىن 1990 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق شىركىتىنىڭ تېخنىكى بولغان (ئارىلىقتا 1984 – يىلى 7 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1990 – يىلى 2 – ئايدىن 1991 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە كادىر بولغان؛ 1991 – يىلى 8 – ئايدىن 1992 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆربىلجىن ناھىيەسى مارالسۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1992 – يىلى 12 – ئايدىن 1995 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1995 – يىلى 8 – ئايدىن 1997 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997 – يىلى 8 – ئايدىن 2001 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، 1999 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2001 – يىلى 2 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2005 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2003 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە – سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2004 – يىلى 9 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ناھىيە، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 5 – ئايدىن 2009 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2009 – يىلى 11 – ئايدىن 2011 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2011 – يىلى 9 – ئايدىن 2012 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2012 – يىلى 2 – ئايدىن 2013 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2013 – يىلى 7 – ئايدىن 2013 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى بولغان؛ 2013 – يىلى 9 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2013 – يىلى 12 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 – شىسى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار.
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىلى.

چيۇ شۇخۇانىڭ تەرجىمىھالى

     چيۇ شۇخۇا، ئايال، خەنزۇ، 1961 – يىلى 1 – ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن شاڭچيۇدىن، 1979 – يىلى 3 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانجى شۆبىسىدە سانائەت بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، ئالىي باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

     1979 – يىلى 3 – ئايدىن 1984 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەسى پولات – تۆمۈر زاۋۇتىدا، سەنگۇڭ كۆمۈر كېنىدا ئىشچى بولغان؛ 1984 – يىلى 2 – ئايدىن 1988 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەسى سەنگۇڭ كۆمۈر كېنىدا كادىر بولغان؛ 1988 – يىلى 12 – ئايدىن 1993 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا كادىر بولغان؛ 1993 – يىلى 5 – ئايدىن 1996 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1993 – يىلى 9 – ئايدىن 1995 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانجى شۆبىسىدە سانائەت بوغالتىرلىق كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان)؛ 1996 – يىلى 4 – ئايدىن  1996 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1998 – يىلى 3 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك – ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 12 – ئايدىن 2001 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2001 – يىلى 10 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2004 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان؛ 2004 – يىلى 5 – ئايدىن 2005 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان، قوشۇمچە قۇتۇبى دەريا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2005 – يىلى 11 – ئايدىن 2008 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2008 – يىلى 5 – ئايدىن 2008 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)؛ 2008 – يىلى 8 – ئايدىن 2010 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2010 – يىلى 12 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) پارتكومىنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (2009 – يىلى 12 – ئايدىن 2011 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2015 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2015 – يىلى 12 – ئايدىن 2016 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2016 – يىلى 1 – ئايدىن 2016 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2016 – يىلى 9 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5 – شىسى پارتكومىنىڭ  1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار.
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىلى.

ياڭ يۇڭنىڭ تەرجىمىھالى

     ياڭ يۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 – يىلى 2 – ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ مىنچىندىن، 1985 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتۇرىيەسى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى يېڭىلىق يارىتىش باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.

     1981 – يىلى 9 – ئايدىن 1985 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985 – يىلى 8 – ئايدىن 1992 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىدا كادىر بولغان؛ 1992 – يىلى 1 – ئايدىن 1993 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشخانىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛ 1993 – يىلى 6 – ئايدىن 2001 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشخانىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (باشقارما دەرىجىلىك) بولغان (ئارىلىقتا 1996 – يىلى 9 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى سىياسىي – ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋەزىپىسىدە چېنىققان)؛ 2001 – يىلى 6 – ئايدىن 2004 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى  بولغان (ئارىلىقتا 2001 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار 1 – كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2004 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2004 – يىلى 10 – ئايدىن 2007 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2007 – يىلى 12 – ئايدىن 2009 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2009 – يىلى 4 – ئايدىن 2014 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2009 – يىلى 9 – ئايدىن 2012 – يىلى 7 – ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتۇرىيەسى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2014 – يىلى 7 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر.

ئىلھام سابىرنىڭ تەرجىمىھالى

     ئىلھام سابىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1961 – يىلى 2 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ چۆچەكتىن، 1983 –  يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، ياردەمچى تەتقىقاتچى.

     1978 – يىلى 11 – ئايدىن 1983 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1983 – يىلى 8 – ئايدىن 1988 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئورنىدا تېخنىك، ياردەمچى تەتقىقاتچى بولغان؛ 1988 – يىلى 4 – ئايدىن 1991 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلى 1 – ئايدىن 1992 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك) (1990 – يىلى 11 – ئايدىن 1991 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ ناھىيەسىدە سوتسىيالىستىك تەربىيەگە قاتناشقان)؛ 1992 – يىلى 1 – ئايدىن 1992 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە پەن – تېخنىكا تەرەققىيات باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)؛ 1992 – يىلى 10 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمى كەسپىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1995 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا 1993 – يىلى 9 – ئايدىن 1994 – يىلى 1 – ئايغىچە داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1995 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1996 – يىلى 5 – ئايدىن 1996 – يىلى 12 – ئايغىچە ۋەزىپە بىلەن دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان)؛ 2000 – يىلى 4 – ئايدىن 2005 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2000 – يىلى 9 – ئايدىن – 2000 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 8 – ئايدىن 2008 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (2005 – يىلى 5 – ئايدىن 2007 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، قۇرۇلۇش پەنلىرى ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2008 – يىلى 12 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2014 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2014 – يىلى 1 – ئايدىن 2018 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

ما شيۇڭچېڭنىڭ تەرجىمىھالى

     ما شيۇڭچېڭ، ئەر، خۇيزۇ، 1958 – يىلى 10 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن، 1980 – يىلى 12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983 – يىلى 3 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.

     1980 – يىلى 12 – ئايدىن 1986 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(ئارىلىقتا 1983 – يىلى 11 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان)؛ 1986 – يىلى 8 – ئايدىن  1987 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازارلىق پارتكومنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1987 – يىلى 4 – ئايدىن 1990 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1990 – يىلى 4 – ئايدىن 1990 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەسى گۇمۇدى بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1990 – يىلى 8 – ئايدىن 1993 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 2 – ئايدىن 1995 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛ 1995 – يىلى 4 – ئايدىن 1999 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1996 – يىلى 6 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1999 – يىلى 8 – ئايدىن 1999 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1999 – يىلى 10 – ئايدىن 2000 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2000 – يىلى 1 – ئايدىن 2002 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان(1998 – يىلى 12 – ئايدىن 2001 – يىلى 11 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2002 – يىلى 11 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2005 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2005 – يىلى 12 – ئايدىن 2010 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2006 – يىلى 3 – ئايدىن 2006 – يىلى 6 – ئايغىچە دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2009 – يىلى 3 – ئايدىن 2009 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2010 – يىلى 1 – ئايدىن 2011 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2011 – يىلى 12 – ئايدىن 2012 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2012 – يىلى 2 – ئايدىن 2018 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان.

     18 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ تەرجىمىھالى

     ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 1962 – يىلى 7 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ پىچاندىن، 2012 – يىلى 6 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە.

     1969   – يىلى 9 – ئايدىن 1979 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىچان ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ، 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان؛ 1979 – يىلى 7 – ئايدىن 1980 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىچان ناھىيەسىدە دېھقان بولغان؛ 1980 – يىلى 1 – ئايدىن 1991 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىچان ناھىيەسى، كورلا شەھىرى، كۇچا ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا دىنىي زاتلاردىن ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەن؛ 1991 – يىلى 2 – ئايدىن 2001 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىچان ناھىيەسى ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئىمام، خاتىپ بولغان(ئارىلىقتا 1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1997 – يىلى 11 – ئايغىچە جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان؛ 1999 – يىلى 5 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان)؛ 2001 – يىلى 3 – ئايدىن 2012 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2012 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى.

     12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
                                                

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى