جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق پىلان، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئالتە قارار لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ تۈرلۈك رەسمىي نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى قۇرۇلتاينىڭ سايلىمىغا سۇنۇش بېكىتىلدى؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش بېكىتىلدى.