تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 530، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 512 بولۇپ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

  سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، نۇرلان ئەبىلمەجىن يېپىلىش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ئارقىدىنلا نۇرلان ئەبىلمەجىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئەزالارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، يېڭى دەۋردە يېڭى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى قەتئىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر زىچ، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى قەتئىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا نەتىجە يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتە ئۈلگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق قىلچە تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا ئىستىلنى ياخشىلىشىمىز، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىمىز كېرەك. باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق قىلماي، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  سائەت 13تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولغان پېشقەدەم رەھبەرلەر؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.