مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئويغىنىپلا ناھايىتى تېز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، بەدەندىكى قان ئايلىنىش ئاستا بولغانلىقتىن، تۇيۇقسىز مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بولسا ئاسانلا يۈرەك-قان تومۇردا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن پۇت-قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۈرەك سوقۇشى بارا-بارا تېزلەشكەندىن كېيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن مۇشتنى تۈگۈپ ئېچىش، پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش، پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قايتا-قايتا ئىشلەپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ۋاقىت ھورۇنلۇق قىلىپ يېتىشمۇ قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا مېتابولىزم ھەرىكىتى تەسىرگە ئۇچراپ، بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن. ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرماي ھورۇنلۇق قىلىپ ياتقاندا ئادەم بەدىنىنىڭ چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدىكەن. ناشتىلىق قىلماسلىقمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك قائىدىسىنى بۇزىدىغان بولۇپ، ناشتا قىلماسلىق ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىغا پايدىسىز ئىكەن.