تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   سەيلىگاھ

چەت ئەلدىكى سەرخىل ئىجارە ئۆيلەر

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بارغانسېرى كۆپ كىشى ساياھەتكە چىققاندا مېھمانخانىلارنى تاللىماي، بەلكى ئائىلىۋى ياتاقلارنى ئىجارىگە ئېلىپ، ساياھەتتە ئارام ئارالىدىغان ئۆيى قىلىدىكەن.

  ھەرقايسى ئۆي ئىجارە ئېلىش سۇپىسىدا مۇستەقىل ياتاق بولۇپلا قالماي، يەنە دەرەخ ئۆي، قەلئە، ئاپتوموبىل ئۆي قاتارلىق خاسلىققا ئىگە ئۆي مەنبەسى ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلانغان. يېقىندىن بۇيان، رىقابەتنىڭ باغانسىرى كەسكىنلىشىشى بىلەن، خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئۆي ئىجارە بېرىش تورلىرىدا بىر يۈرۈش خاسلىققا ئىگە ئائىلىۋى ياتاق مەنبەلىرى مەيدانغا چىققان، شەخسىي ئايروپىلاندىن دۈم ياتقان پاراخوتقىچە، كونىرىغان زاۋۇتتىن كىتابخانا، قاۋاقخانىغىچە، سەرخىل ئائىلىۋى ياتاقلار كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرغان.

  1. گاز پۈركۈگۈچى ئايروپىلان ياتىقى

  ۋېلىشتىكى «گاز پۈركۈش چولپانى»، 70-يىللاردىكى گاز پۈركۈگۈچى ئايروپىلاننى ئۆزگەرتىپ ياسىغان ئائىلىۋى ياتاق،گەرچە ھازىر ئايروپىلاننىڭ قانىتى، موتورى ۋە قۇيرۇق قانىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىچكى قىسىمىنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرى ساقلاپ قىلىنغان. ئايروپىلاننىڭ خوجايىنى توبى بىر يېرىم يىل ئىلگىرى 30 مىڭ پوندستېرلىڭ سەرپ قىلىپ بۇ ئايروپىلاننى سېتىۋېلىپ، ئايروپىلان ئىچىگە بىر ھۇجرا ئۆي، بىر مۇستەقىل ھاجەتخانا ۋە بىر ئاشخانىنى ياساپ چىققان. خوجايىن يەنە خېرىدارلارغا لۈكچۈكنىڭ كىيىمىنى تەييارلاپ، ئايروپىلان مەستانىلىرى ۋە ئايروپىلانغا چىقىپ باقمىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

  2.قەلئە ياتاق:

  ئوگل قەلئەسى ۋېكتورىيە دەۋرىدە ياسالغان مۇنارسىمان بىنا بولۇپ، «ئەنگلىيەلىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قەلئە »دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. قەلئە ناھايىتى نەپىس ياسالغان، تودور سۇلالىسىدىكى نەقىشلىك تاختا، گوت شەكلىدىكى دېرىزە، رەڭلىك ئەينەك ۋە قەلئە ئچىدىكى مەخپىي تۇنېل قاتارلىقلار كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى قەلئە تۇرمۇشىغا جەلپ قىلغان. بۇ يەردە يەنە ناھايىتى چوڭ مۇراسىم زالى ۋە گۈللۈك بولۇپ، ياشلارنىڭ توي قىلىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولغان.

  3.چىدىر ياتاق

مانچېستېر ئەتراپىدىكى رايوندا سىرتقى كۆرۈنۈشى كىگىز ئۆيگە ئوخشايدىغان ئاممىۋى ياتاق بولۇپ، دالىدا قونۇش تۇرمۇشىنى سىناپ كۆرگمەكچى بولغان ساياھەتچىلەرگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. گەرچە ياتاقنىڭ سىرتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى ياتاقخانىنىڭ ئىچىدە دېڭىز ساھىلى باش تېمىسىدىكى مۇنچا ۋە كىچىك ئاشخانا قاتارلىقلار بار.

    4. كىتابخانا ياتاق

    5. خوبىتلار ياتىقى

    6. قاۋاقخانا ياتاق

    7. دەرەخ ياتاق

    8. دۈم پاراخوت ياتىقى

  9. زاۋۇت ياتاق

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى