تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت

  ـــ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تەرتىپكە رىئايە قىلىش قانۇنچىللىقنىڭ باشلىنىشى. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم سىياسىي پائالىيەت ۋە مۇھىم قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىدە، يەنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈش شەرت. بۇ ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن چىقىرىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىق، ئىلگىرىكى قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىق، ھەم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئاساسىي قانۇندا تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ جېنى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە جەزمەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىدۇ، بۇ، ئاساسىي قانۇن روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت تەرتىپى ۋە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى. 1982 – يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى، تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئايرىم – ئايرىم تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئاساسىي قانۇنغا ھەر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئۈزلۈكسىز ھالدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، مۇكەممەللەشتى، تەرەققىي قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى.

  قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا تەرتىپ بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلغاندىن تارتىپ، بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى ھەققىدە پىكىر ئېلىشقىچە؛ بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› كوپىيەسى ھەققىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللانغىچە بولغان خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (لايىھە)›› توغرىسىدىكى تەكلىپى شەكىللەندۈرۈلۈپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ قاتتىق تەرتىپ ۋە ھالقىلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش روھى ۋە پىرىنسىپى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ جانلىق گەۋدىلىنىشى.

  قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ تەرتىپ بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قانۇندا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئاساسىي قانۇندا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرگەن بولۇشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بارلىق ۋەكىللەردىن ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كۆپ سانلىق ۋەكىل ماقۇللىغان بولۇشى شەرت. مۇشۇنداق تەرتىپ بېكىتىشتىكى سەۋەب شۇكى، ئاساسىي قانۇن خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەريانى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە نەزەر سالساق، ھەر قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كەڭ خەلق ئاممىسى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاساسىي قانۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مىزانىغا ئايلاندى، بۇ، قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرگەنلىكتىن، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەنلىكتىن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەنلىكتىن بولدى.

  قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ تەرتىپ بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش زور نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇستەھكەم قانۇنچىللىق ئاساسى سالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى