تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

   چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىيبات سابۇكەي، جاڭ بو، ئىنام نەسىردىن، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا، مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بەس – بەستە سۆز قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى. چېن چۈەنگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۇتاشتۇرۇپ يولغا قويۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئىناق، مۇقىم مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەت كۈچى ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى شەھەر – يېزا ماس تەرەققىي قىلغان مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەر ئارقىلىق يېزىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››نى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللەنگەن يېڭىچە سانائەت – يېزا ئىگىلىكى، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىت سۈپىتى ياخشى مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي ياخشى قوغداپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى سىياسىي ئېكولوگىيەسى ياخشى مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى قەتئىي جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇزاكىرە مەيدانىدا، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، خەن مىڭيۈەن، لو چى قاتارلىق ئەزالار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرىلەشتى. ئۇ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن شانلىق ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. بىرىنچى، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش،دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئىزچىل ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، قائىدىگە رىئايە قىلىش، قانۇنغا بويسۇنۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، نورمال دىنىي تەرتىپنى ئاڭلىق قوغداش كېرەك. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق تۈرلۈك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىگە پائال سىڭىپ، ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىناق ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىن ئەقىدىلىرى، دىن قائىدىلىرىنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا چۈشەندۈرۈپ، دىننى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئەسەبىيلىكنى توسۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپانى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەپسىر قىلىش، ۋەز ئېيتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا توغرا ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا يولنى چىڭ ساقلاپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى بېرىش ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئالتىنچى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەرنى تەپسىر قىلىش، ۋەز ئېيتىشقا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئىناقلىقنى قەدىرلەش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى بېرىپ ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى