تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

  ـــ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(4)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولغان ئاساسىي قانۇن ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي ئورۇن، قانۇنىي نوپۇز، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن – سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇنىڭدا ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار زور سىياسىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى كۈرەش نىشانىنى بېكىتتى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى بىزدىن دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇندا پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجىلەر، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت. ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشتە مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما. بۇلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى. شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، ئاساسىي قانۇندىكى زور تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى تولۇقلاش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى زور نەتىجىلىرىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئورتاق پىرىنسىپ ۋە ھەرىكەت مىزانىغا ئىگە بولىدۇ.

    ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەندە، بىز چوقۇم ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى