پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىتامىن، كاروتىن، شۇنىڭدەك كالتىسىي، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. پەمىدۇر قىزىل ماددىسى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ناچار خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىپ، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشىنىڭ ھەمدە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پەمىدۇر قانچە ياخشى پىشقان بولسا، قىزىل ماددىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. خام پەمىدۇرنىڭ قىزىل ماددىسى تۆۋەن بولۇپ، كۆپ يېگەندە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىش كېرەك.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى