تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ئېچىلدى

   چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن شىنجاڭ خەلق سارىيىغا كىردى، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىدۇ. 1000 كىشىلىك يىغىن زالىدا دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسى ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان، زال ئىچى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، مانەن زەينەل رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئىسمائىل تىلىۋالدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، ليۇ ۋەنلۇڭ، پېڭ جيارۈي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 . بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل 528 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىل ۋە 2017 – يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى؛ ئۈچىنچى، 2018 – يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر.

  شۆھرەت زاكىر ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنىڭ روشەن ئاشقانلىقى، ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقى قاتارلىق بەش جەھەتتىن ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى؛ ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش قاتارلىق توققۇز جەھەتتىن 2017 – يىللىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بەش يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەش يىل بولدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىدى، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى.

  دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرغاندا، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن پۇرسەت ۋە پايدىلىق شارائىتلارنى تەھلىل قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىزنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ناھايىتى زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربىي رايوننى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كەڭ ماكان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار.

  شۆھرەت زاكىر بەرگەن دوكلاتتا: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ـــ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى % 8.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3.5 ئىچىدە كونترول قىلىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىدىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك: بىرىنچى، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز؛ ئىككىنچى، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىمىز؛ ئۈچىنچى، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز؛ تۆتىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ بەشىنچى، يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز؛ ئالتىنچى، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز؛ يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز؛ سەككىزىنچى، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مالىيە، باج ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىمىز؛ توققۇزىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز؛ ئونىنچى، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىمىز؛ ئون بىرىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز؛ ئون ئىككىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونىلىق›› ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

  شۆھرەت زاكىر يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى شەرھلىدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات بېسىپ تارقىتىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا سۇنۇلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوندىكى پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى