تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

بۇرچىن ناھىيەسىدە قارلىق دالا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئوغلاق تارتىش، قىز قۇۋار، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، تېرە تاختا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا ئارغامچا تارتىش، بۇقىچىلاپ ئېلىشىش، قول قايرىشىش... 19-يانۋار سەرخىل قارلىق دالا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. قەھرىتان قىشتىكى كىچىك بازار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق بۆلەكچىلا قىززىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى قارلىق دالا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك تۇمان سۆڭگىسى بايرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قىش بۇرچىن ناھىيەسى «رىۋايەت شەھىرى» تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار سەرخىل قىشىلىق ساياھەت مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن. 2-نۆۋەتلىك تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 4-نۆۋەتلىك «قىشتىكى چۆچەك» مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى، 3-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى پانۇس كېچىلىكى قاتارلىقلار قىشلىق ساياھەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى