تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى بەخت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتتى

  چاۋ جىن

  خەلق تۇرمۇشى قەلبلەرنى تۇتاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

  يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن نەپ يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشتى. بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە دادىل ئىشلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تۈرلەرنى يولغا قويدى... قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەنزىرىلەر ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي، ياخشى ئىشلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، تىللاردا داستان بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. بىر ئادەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپسا، بىر ئائىلە بېيىپ، بىر قانچە ئەۋلاد كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2017 – يىلى دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بىرلىكتە يولغا قويۇلۇپ، شەھەر – يېزىلاردىكى 47 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلدى؛ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى بوشلۇقى يارىتىلدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 750 مىڭ(قېتىم)ى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ‹‹ھەمراھ زاۋۇت››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىسى›› تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... بىر قاتار سالمىقى بار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى كىشىلەرنى تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتتا تېخىمۇ شانلىق نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، يېزا يەسلى قوش تىل مائارىپى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېزىلاردا قۇرۇشقا تېگىشلىك قوش تىل يەسلىلىرى تولۇق قۇرۇلدى؛ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل مائارىپى كۈچەيتىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىن باشلاپلا دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە دەرس ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ناھىيەلەردىكى شەھەر – بازار مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ پۇختا قەدەمدە راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشسىز قويماسلىق››تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  داۋالاش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجى. ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى، ‹‹ساغلام شىنجاڭ›› پىلانىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق غايىسى مۇجەسسەملەنگەن. ‹‹ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ھەر تەرەپلىمىلىك، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش›› ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى شەھەر – يېزا ئاھالىسىگىچە قاپلىتىپ، ‹‹ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش››نى دائىملاشتۇردى، ‹‹ساغلام شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندى. خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، قاتلام بويىچە دىياگنور قويۇش، داۋالاش خىزمىتى تېزلىتىلىپ، بەش دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى، كەنت شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دورا ھەققىگە پايدا قوشۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكى تېخىمۇ يېنىكلىتىلدى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىنىڭ تايانچى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ۋە چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قانچىلىك تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك بولسا شۇنچىلىك تۆلەم بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇميۈزلۈك پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى، كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش شەھەرنىڭ، يېزىنىڭ دەپ ئايرىلمايدىغان بولدى، ‹‹ئوخشاش كېسەلگە ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە قىلىش››تەك ئەھۋال ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىلدى؛ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئامما تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىندى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت ‹‹بىخەتەرلىك تورى›› بارغانسېرى زىچ، مۇستەھكەم توقۇلدى.

  كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر توك ئىشلەتسە ئوخشاش تور، ئوخشاش باھا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە ‹‹بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش›› ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى... خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ كارتىنىلارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ خۇشال، ئىناق، بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك سەھىپە پۈتۈلگەن. دۇمباق ۋە بۇرغا ئاۋازى ئىلگىرىلەشكە قىلىنغان چاقىرىق. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ماگنىت مەيدانىغا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش چوقۇم يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، سىجىل داۋاملىشىدۇ، تۇرمۇشى يىلدىن – يىلغا ياخشىلىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى