تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى

  ــ ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  يېڭى دەۋر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، يېڭى بۇرچ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى بۈگۈن داغدۇغىلىق ئېچىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ گۈزەل لايىھەسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق باشلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كەلگۈسى بەش يىل، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىدىغان مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ھالقىلىق مەزگىل. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى زور، بۇرچى شەرەپلىك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يېڭى ھەم قالتىس سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ! يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى بۇرچنى چوقۇم ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ؛ چوقۇم يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، مەسئۇلىيەتچانلىق خىسلىتى، مەسئۇل بولۇشقا ماھىر بولۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىقارغان ھەر بىر نىزامنى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ.

  يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى بۇرچ يېڭى – يېڭى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرماقتا. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت، دەپ كۆرسىتىلدى. ئىشىنىمىزكى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى