تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ج ك پ 19 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

   شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئوينىغان مۇھىم رولى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ئۇ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  بىرىنچى، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەر، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇقەررەر ھالدا كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئىككىنچى، ئەستايىدىل يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە مەركەزلىك ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇشى؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بەشىنچى، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى