تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى روھىي ھالەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

   شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ياخشى روھىي ھالەت بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى›› دەپ كۆرسەتتى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيتتە، بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەتتە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

   بىرىنچى، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى ـــ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق ـــ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق››، ‹‹ھەرخىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق توغرىسىدىكى بۇ ئەڭ يېڭى مۇھىم بايان شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يېتەكچىسى ۋە ئاساسىي مىزانىدۇر.

   بىز چوقۇم مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ›› ۋە ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق – تېررورلۇق قۇترىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولۇۋاتقان ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن خەۋپسىزلىك خىرىسى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر.

  بۇ بىزدىن مەڭگۈ بوشاشمايدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىدە نەتىجىلەرنى كۆرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش بىلەن بىللە، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنى، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى، بىخۇدلىشىش، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، تېز غەلىبە قىلىش ئىدىيەسى، ئالدىراڭغۇلۇق كەيپىياتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇشتا، مىنۇتمۇ بوشاڭلىق قىلماسلىق، قىلچىمۇ تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەڭنى بىر – بىرلەپ قىلىشىمىزنى، مەسىلىنى بىر – بىرلەپ تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى ياراتقىلى، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلغىلى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   ئىككىنچى، ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش روھىي ھالىتى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىلا، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ››، ‹‹تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى›› دەپ كۆرسىتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى تەشكىللەش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپىگە ئاساسەن، بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى تۇتۇپ، يەنە بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇپ، شىنجاڭنى ھەقىقىي مۇقىم قىلىشى، ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسى ئاجىز، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى بىلەن ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت خېلى گەۋدىلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى مۈشكۈل. مۇشۇنداق تەرەققىيات ئاساسىدا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئورتاق باشلاش ئۈچۈن، چوقۇم قۇدرەتلىك روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك.

  قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئالدىدا، بىز قەتئىي ھالدا خىزمەتنى قېلىپقا سېلىۋالماسلىقىمىز، قاتمال، مۇتەئەسسىپ بولۇۋالماسلىقىمىز؛ قەتئىي ساقلاپ تۇرماسلىقىمىز، قاراپ تۇرماسلىقىمىز، بىھۇدە ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، چوڭ – چوڭ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – ئازايتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنى تۈزەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش روھىي ھالىتى، قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك، تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك روھىي ھالەت بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ـــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش›› دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان سىياسىي خىسلىتىنى جانلىق نامايان قىلدى. ‹‹جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش›› ئۈچۈن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹خەلقنى مەركەز قىلغان›› تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، يۈرۈشلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل، رايون ۋە شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ماس بولماسلىق، تەكشى بولماسلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى››دىكى ئەڭ مۈشكۈل جەڭگاھ.

  بۇ بىزدىن تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك، تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك روھىي ھالەت بىلەن، مىخ قېقىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىشىمىزنى، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلىشىمىز؛ توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يول بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن يىلغا ياخشىلىشىمىز كېرەك.

   تۆتىنچى، تېز ھەرىكەتكە كېلىش، بوشاشماي تىرىشىش روھىي ھالىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپى.

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئۇزاققا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشى مۇقەررەر ھالدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش، ھەم شىنجاڭدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇتتى. لېكىن، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان غەرەزلىك بۇزغۇنچىلىقى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، مىللەتلەر خىزمىتىگە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى شەرت.

  بۇ بىزدىن تېز ھەرىكەتكە كېلىش، بوشاشماي تىرىشىش روھىي ھالىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. جەزمەن تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئومۇميۈزلۈك، تەلتۆكۈس زەربە بېرىشىمىز؛ جەزمەن بوشاشماي تىرىشىپ، ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش پىلانى ۋە تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم ياشنىتىشىمىز كېرەك.

   بەشىنچى، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ھەق يولدىن قايتمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشى لازىم››، ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق›› دەپ كۆرسىتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يەنە بىر قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە››. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ خېلى زور ئۆسۈشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىمىزدە. شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتى يەنىلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلاردا ‹‹تۆت ئاڭ›› كۈچلۈك ئەمەس، ئۇلار باش نىشاننى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش يۈكسەكلىكىدە تونۇماي ۋە چۈشەنمەي، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە خىزمەت ھالىتىدە باش نىشاندىن چەتنەپ كېتىۋاتىدۇ؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلاردا ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، كاللىسى سەگەك بولماي، تەدبىرلىرى قۇرۇق رامكىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ بەزى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، چەتلىشىش ھادىسىسى ساقلىنىۋاتىدۇ.

  بۇ بىزدىن ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ھەق يولدىن قايتمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات يارىتىشىمىز، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز مۇشۇ ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقان ئىكەنمىز، جەزمەن دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، غايە ۋە ئىستىكىمىزنى دۆلەتنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قىزغىنلىقىمىز، غەيرىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

  (قەلەم تەۋرەتكۈچى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن سۇ چېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى