تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

كەنتنى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلدۈرۈش

  ــــ ئاتۇش شەھىرىدىكى يەرلىك تەشۋىقاتچى قۇربانجان ئۆمەر توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا چىراغ كەم بولسا بولمايدۇ. چىراغ ئاددىي بولسىمۇ، ئۈن- تىنسىز يورۇقلۇق چىقىرىپ، كىشىلەرگە يول باشلايدۇ.

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدىكى يەرلىك تەشۋىقاتچى قۇربانجان ئۆمەر دەل مۇشۇنداق «چىراغ». قۇربانجان ئۆمەر ئۇزاقتىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، كەنتنى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلدۈردى. ئۇ ئىلگىرى موتوسىكلىتلىق بېيجىڭغا بارغىچە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ۋە شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى يول بويى تەشۋىق قىلغان. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كاڭدا ئولتۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىننەتدارلىق سەھىپىسىنى ياراتتى.

  بايراق چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

  قۇربانجان ئۆمەر 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنى ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ياخشى تۇرمۇش تېخى ئالدىمىزدا.

  70 ياشقا كىرىپ قالغان قۇربانجان ئۆمەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇرتىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى چىن دىلىدىن ئۇرغۇدى. ئۇ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياشاپ، بىر موتوسىكلىت سېتىۋېلىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

  ئۇ 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى يۇرتداشلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن موتوسىكلىتلىق ئاتۇشتىن يولغا چىقتى، موتوسىكلىتىغا خوتۇنى كەشتىلەپ بەرگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قاداپ، ئۆزى يازغان «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز» قاتارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، يولدىن ئېزىپ قېلىش، قېلىن قار تاغ يولىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خېبېيدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، بىر ئاپتونوم رايوننىڭ 35 شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى بېيجىڭغا باردى. ئۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىش داۋامىدا يول بويى «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز» دېگەن تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىن 2800 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىپ، بېيجىڭ سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇ يەنە 2008- يىلى 5- ئايدىكى «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشۋىقاتى» شىنجاڭ سەپىرى ۋە 2009- يىلىدىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش بېيجىڭ سەپىرىدە، مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ، 1000 مەيدان(قېتىم)دىن ئارتۇق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

  2010- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى قۇربانجان ئۆمەر شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۈندە پارتىيە ئىزنىكىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۈردى.

  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، قۇربانجان ئۆمەر ئىزچىل ئاتۇش شەھىرىدىكى كەنت، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

  2017- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسىغا ئەگىشىپ، قايراق كەنتىدە ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى. بۇ، قۇربانجان ئۆمەرنىڭ ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئىدى.

  بۇ جايدا ھۆرمەت قاراۋۇلى يوق، بايراق چىقىرىشقا قاتناشقۇچىلارمۇ قۇربانجان ئۆمەر ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى. بۇ بەلكىم ئەڭ ئاددىي بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تەنتەنىلىك ئىپادە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: ھويلىدىكى بايراق خادىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5.6 مېتىر بولۇپ 56 مىللەتكە سىمۋول قىلىنغان، ۋەتىنىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، كۆپچىلىك ھەممىمىز قېرىنداش. ھەر قېتىم بايراق چىقارغاندا قەلبىم لەرزىگە كېلىدۇ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىمەن.

  قۇربانجان ئۆمەر 2007- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى، ئالايىتەن بېيجىڭدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق سېتىۋالدى. قۇربانجان ئۆمەر ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن سېتىۋالغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا چىقاردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قۇربانجاننىڭ ھويلىسىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كەنت ئاھالىسى ئابدۇقادىر ئابلىز مۇنداق دېدى: قۇربانجان 2007- يىلى بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھويلىدىكى بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئىزچىل ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

  قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دەل بىز دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىش ئىدى. بىز ھازىرقى مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالدى، كۆپ ئىش قىلالمايمەن، ھەر كۈنى ھويلىدا بايراق چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىمنى بىلدۈرىمەن.

  دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش

  2017- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇربانجان ئۆمەرنىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسىغا كىرگىنىمدە، بۇ جايدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىكەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابچىسى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»نىڭ كىتابچىسى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلەر توپلىمى»... پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئوقۇشلۇقلىرى كىتاب جازىسىغا رەتلىك تىزىلغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇغاچ پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.

  قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدا بىر مەيدان ئۆگىنىش يىغىنى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

  قايراق كەنتىدىكى قارى باقى مۇنداق دېدى: تېلېۋىزوردا دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمىغاندەك ھېس قىلغانىدىم، ھازىر دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ تۈرلۈك كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرىنى ئوقۇيالايمىز، ھەقىقەتەن ناھايىتى قولايلىق. ھەر كۈنى دېھقانلار كۇتۇپخانىسىغا كېلىپ كىتاب ئوقۇيمەن، باشقىلار بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتلىرىمىزنى ئالماشتۇرىمىز، بىزگە دېھقانلار كۇتۇپخانىسى ئېچىپ بەرگەن قۇربانجان ئاكىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  قۇربانجان ئۆمەر 2007- يىلى موتوسىكلىتلىق بېيجىڭغا باردى، ئۇ يول بويى دۆلىتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. قۇربانجان ئۆمەر نۇرغۇن چوڭ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش، گېزىت ئوقۇش ئادىتى بارلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇلىغا دېھقانلار كۇتۇپخانىسى ئېچىپ، «قۇربانجان كۇتۇپخانىسى» دەپ ئىسىم قويدى.

  كۇتۇپخانىدىكى 13 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك كىتابنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇ ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان، قالغان قىسمىنى ھۆكۈمەت ئىئانە قىلغان. بۇ كىتابلار ئىچىدە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلار كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىياسىي، قانۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب- ژۇرنالمۇ قويۇلغان. قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: كەنتتىكىلەرنىڭ كۆپرەك بىلىم ئىگىلەپ، بېيىش يولىغا مېڭىشى ئۈچۈن بۇ كۇتۇپخانىنى ئاچتىم. كەنتتىكى ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدۇ، تىزىملاش دەپتىرىدىن بەشى توشۇپ بولدى.

  ئۇقۇشىمچە، 2007- يىلى قۇربانجان كۇتۇپخانىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كىتاب ئارىيەتكە ئېلىنغان، بۇ يەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى ماكانىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى