تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۆگىنىش

  ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب پەقەت پۇتبولچىلاردىلا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە پۇتبول كوماندىلىرىمىزنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇسابىقە  مۇھىتى، جامائەت پىكىرى مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ.

  23 ياشتىن تۆۋەن ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى بۇنچە قوزغىشى پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى بىرىنچى تەنھەرىكەت تۈرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئېلىمىز U23 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىز كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە باشتا خېلى يامان ئەمەس ئوينىغان، ماھىرلارنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى. بىراق ماھىرلىرىمىزنىڭ مەيداندىكى تاكتىكا تەييارلىقىنىڭ تازا جايىدا بولماسلىقى، ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشى قاتارلىق يېتەرسىزلىكلىرىمۇ تولۇق ئاشكارىلاندى. كىشىلەر دائىم ئېلىمىز پۇتبول كوماندىسىنى ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە تەجرىبىلا توپلايدۇ، غەلىبىنىڭ زادى قانداق «تەم» دە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ، دېگەندەك گەپ-سۆزلەر پۇتبولچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېيىشىدۇ. ئەگەر U23 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى بۇ ماھىرلار مۇشۇ مۇسابىقىلەردىكى ئوڭۇشسىزلىقلاردىن تەجرىبە توپلىيالمىسا، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۆگىنەلمىسە، يېڭىلگەندىن كېيىنكى مەغلۇبىيەتنى كۈچكە ئايلاندۇرالمىسا، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟!

  يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز پۇتبولچىلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە يەنىلا غەلىبىنىڭ «تەم»ىنى تېتىيالماسلىقى، مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىش يەنىلا ھەر دەرىجىلىك كوماندىلىرىمىزنىڭ «زۆرۈر دەرسلىك»ى بولۇشى مۇمكىن. بىر كېچىدىلا چېمپىيون بولغىلى بولمايدۇ، قەيەردىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا شۇ يەرنى تۈزىتىش، يىقىلغان يەردە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇش ھەقىقىي پىشىپ يېتىلىشتۇر. كوماندا ئەگەر قانداق مەغلۇپ بولغانلىقىنىمۇ بىلمىسە، كەمچىلىكىنى تۈزىتىشنى ئويلىمىسا قانداقمۇ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؟

  U23 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىشى ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك .بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوماندىغا مەسئۇللار، ئارقا سەپ خىزمىتىگە مەسئۇللار ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى تەرەپلەرمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك، كوماندىغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىسە ئاندىن كوماندىنىڭ مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر بىر ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىلا نەپكە ئېرىشىمىز، دەپ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىمىسا، بايقىيالمىسا، ئۇنى ۋاقتىدا تۈزەتمىسە، بىزنى كۈتۈۋاتقىنى يەنىلا ھەممىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر بولىدۇ، خالاس.

  شۇنىسى ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى سەۋەب يالغۇز پۇتبولچىلاردىلا ئەمەس، پۇتبول كوماندىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە تارماق، ئارقا سەپ خىزمىتى، مۇلازىمەت، مۇسابىقە مۇھىتى، جامائەت پىكىرى مۇھىتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىدا ياخشى نەتىجە يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، «ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش» نى قىلىشىمىز ئېنىق، بۇ ھەممە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بىراق يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلارنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىز ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش دېگەن «تون» نى مەغلۇب بولغان چاغدىلا ئۈستىمىزگە ئارتىۋالماي، باشقا چاغلاردىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ياخشى نەتىجىلەر ئەمەلىي، پۇختا ھەرىكەتلەر بىلەنلا قولغا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى