تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى سەھىپە يارىتىش

  ــــ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ

  بۇ بەش يىل مەسئۇلىيەت تولۇق ئادا قىلىنغان، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل، بۇ بەش يىل ئىسلاھ قىلىنغان، يېڭىلىق يارىتىلغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى يېڭى دەۋرگە كىرگەن، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان تارىخىي پەيتتە، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى: ئۆتكەن بەش يىلدا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى ئارقىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تەكلىپ بېرىپ، ياخشى چارە، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىدى

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشتىن ـ ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى.

  ـــ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6 -، 7- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى قاتارلىق چوڭ يىغىنلاردا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، كاللىنى قوراللاندۇردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

  ــــ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى قەتئىي باش نىشان ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلدى.

  ـــ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ يولغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىنى تەشەببۇسكار ھالدا پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈردى. پارتكومدىن يوليورۇق سوراش، پارتكومغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلدى.

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئورگان كادىرلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنىدىن ئىبارەت «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى. ئورگان كادىرلىرىنى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەت تەربىيەسىنى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش، چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ ئەزالارنى مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، «ئىككى قوشۇن»نى ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل، دادىل، مەسئۇلىيەتچان، پاك- دىيانەتلىك بولۇشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ئورۇنلار، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچىنى ئورۇنداپ، قاتلاملار، ساھەلەر، كوللېكتىپلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچىنى تېپىپ چىقتى، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقتى.

  باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش نىشان ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىدە باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈردى.

  ـــ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال ئەقىل كۆرسەتتى، كۈچ چىقاردى.

  مۇقىملىقنى قوغداشتا قەتئىي، كەسكىن بولدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل مەخسۇس ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھەققىدە دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇش، يېزا قائىدىسى- ئاھالە ئەھدىنامىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە كېڭەشتى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- يىغىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» چىقىرىلدى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

  ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى، كۈچ چىقاردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئەقىل كۆرسەتتى. ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى «سىرتقا يۈزلەندۈرۈش»، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى ئەزەلدىن توختىمىدى، ئۇلار نۇرغۇن توغرا ۋە ئېنىق قاراشلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.

  دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش، قىز ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇش، يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەرنى ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئەقىل كۆرسەتتى؛ نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى دەل جايىدا تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئېلىپ بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى سىستېما بويىچە ھەمكارلىشىپ يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كۆزىتىپ، تەكلىپ- پىكىر بەردى؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى بىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۇدا تۆت يىل يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شىمالىي شىنجاڭ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، پارچىلىنىدىغان بىيو يوپۇقنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشتى.

  − ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى دائىملاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئومۇمىي يىغىن باشلامچى قىلىنغان، مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى دائىملاشتۇرۇلغان كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى جانلاندۇرۇش، دىققەتنى چېگرا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار كىچىك نۇقتىلىق، كۆپ تەرەپلىك، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان ئايلىق كېڭىشىشنى كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ خاس ماركىسى قىلدى.

  − ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، تەرتىپى ۋە مېخانىزمىدا پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل «قوش تىل»دا ھەقسىز تەربىيەلەش، تىيانشان 1- نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»، «دىن ئىشلىرى نىزامى»، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق نىزاملارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  − خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، چوڭ بىرلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورتاق تونۇش، قەلب، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ يول ئارقىلىق ھەمكارلىق سەھنىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە- گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنى سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇردى. پۇقراۋى كارخانىلارنى «كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا زور تۆھپە قوشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى

  ئۆتكەن بەش يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئاڭلىق بىردەك بولدى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، تىرىشىپ باش نىشاننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ 15 مۇئاۋىن رەئىسى باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭراتتى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 194 كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىغا بېرىپ، سەككىز كەنتتىكى «تۆت پېشقەدەم»لەر، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا تەشكىللىدى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى يەنە كەنتتىكى تۇغقانلىرىنى كۆپ قېتىم ئۈرۈمچىگە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلدى. تۇغقانلار دائىم ئىزدىشىپ، ئالاقىلىشىپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى كۈچەيتتى. «سىياسىي كېڭەشتىكى تۇغقانلار» يىراق يول يۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئارزۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» سىن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان 116 كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۇغقانلىرىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، كۆڭۈل ئېچىش بىلەن تەربىيەلەش بىرلەشتۈرۈلگەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىش، ئائىلىلەردە قونۇش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناتتى.

  «خىزمەت ئەترىتى كەلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئېلىپ كەلدى. يەنە نەچچە ئون يىل ياشاپ، كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەم دەيمەن»، دېدى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى ئاياغ قارا كۆلنۇر كەنتىدىكى 80 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابلىز سۇباش ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ. يېقىندىلا پۈتكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ۋە يېڭىدىن ئوڭشىغان قوي قوتىنىغا قاراپ قانمىغان ئابلىز سۇباشنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇ خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ، مېھرىنى بېرىپ، كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى نەچچە مىڭ ئورگان كادىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنى چىن ھېسسىيات بىلەن مەسئۇلىيەت، تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا ئەۋەتتى، ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ساداقىتىنى چېگرا رايونغا بېغىشلاپ، چىن سۆيگۈسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدىيە كۈچى، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى، نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇردى. ھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى...

  ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەرخىل سۆھبەت يىغىنلىرى، قەسەمياد يىغىنلىرى، شىكايەت يىغىنلىرىدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلەشكە تەشكىللىدى، سەپەرۋەر قىلدى.

  يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا چاقىرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشقۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى