تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئاقتۇ ناھىيەسى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى

  مۇختەر نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسى 2017 – يىلى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، نامراتلارنى يۆلەش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  بۇ ناھىيە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ھازىرغىچە ناھىيە بويىچە 4538 ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى، 25 مىڭ 829 ئائىلىلىك دېھقان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈرۈلدى؛ 8730 ئارتۇق ئەمگەكچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا ۋە ناھىيەدىكى سانائەت رايونىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان 350 چارۋىچى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە بازىسىدا پارنىك تېرىقچىلىقى قىلىشقا يېتەكلەندى؛ يېڭىدىن سېلىنغان ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىنغان كەنت دەرىجىلىك ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى 70كە يەتكۈزۈلۈپ، يېزا بالىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدە ئوقۇش ئارزۇسى قاندۇرۇلدى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەر تولۇق بەھرىمەن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلدى.

  قىزىلتو يېزىسىنىڭ تويۇندۇق كەنتىدىكى ئابدۇرېشىت سەتتى 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، ناھىيە ئىچىدىكى ‹‹كوئېنلۇن باغچىسى›› ئولتۇراق رايونىدىكى 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ خۇشال ھالدا: 2016 – يىلى تاغدىن چۈشۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە بازىسىدىن ئىككى پارنىكنى ھۆددە ئېلىپ كۆكتات تېرىغانىدىم، 2017 – يىلى ھەر بىر پارنىكتىن 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ، مېنى بىنا ئۆيگە ھەقسىز ئورۇنلاشتۇردى، مانا ھازىر شەھەرلىكلەردەك بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇپ بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتىمەن، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى