تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۇلار قەھرىتان قىشنى ‹‹باھار››غا ئايلاندۇردى

  نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسى كۆكخوتقور موڭغۇل مىللىي يېزىسى كۆكخوتقور كەنتىدىكى جىۋپا چوڭ ئانا 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۆيىگە كەلگەن ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چۈەنپىڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم، ئۇ بوۋاي – موماي ئىككىمىزگە بەك ۋاپادار، ئۇ ئۆيىمىزگە كېلىۋېدى قەھرىتان قىش ‹‹باھار››غا ئايلاندى، دېدى. شۇ چاغدا خۇاڭ چۈەنپىڭ ئۇلار بىلەن بىللە غىزالانغاچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ‹‹ئانىسى›› بىلەن ‹‹دادىسى›› ئۇنىڭ قاچىسىغا قورۇما سېلىپ قويۇۋاتاتتى. ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىكى 45 كادىر ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بويىچە كۆكخوتقور كەنتىدىكى 67 چارۋىچى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، باردى – كەلدى قىلىشىپ، تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانىدى. بۇ قېتىم بۇ كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، كۆكخوتقور كەنتىگە كەلدى، بۇ كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولغاچ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تۇغقانلىرىغا يەتكۈزدى. جىۋپا چوڭ ئانا مۇنداق دېدى: خۇاڭ چۈەنپىڭ ئۆز ئوغلۇمغا ئوخشاش، ئۇ بىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ، بەزىدە خوتۇنى ۋە بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر كەلگەندە سوۋغات ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۆتكەندە بوۋاي ئىككىمىز ئاغرىپ قېلىپ غۇلجا شەھىرىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقاندا، ئۇ يولنى يىراق كۆرمەي بىزنى يوقلاپ باردى. كومپارتىيە تەربىيەلىگەن مۇشۇنداق بىر ئوغلىمىز بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز.

  2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كۆكخوتقور كەنت ئاھالىسى ئايتاقىن ئېركىنبېك ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، مېھمانخانىنى يىغىشتۇرۇپ، مەشكە ئوت قالاپ، تۇغقانلاشقىلى بىر يىل بولغان تۇغقىنى ليۇ شياۋلىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ليۇ شياۋلى كەلگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ليۇ شياۋلى شۇ كۈنى تۇغقىنى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چۆرىدەپ كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئايتاقىن ئېركىنبېككە ياردەملىشىپ، ھويلىسىدىكى قارلارنى تازىلاپ، چارۋىلىرىنى بېقىشىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بۇلتۇر ئۇلار يېڭى ئۆي سالغاندا مەن ئاز – تولا ياردەم قىلغان، ھازىر ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيىگە چىراغ ئورنىتىپ، سۇپا چىقىرىپ بېرەي دەۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى