تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شالدىراڭ كەنتىدىكى‹‹ئاكا–ئۇكىلار››

  مۇيەسسەر ئاباھامىت، نىگارەپەرھات

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى شالدىراڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان بىڭتۈەن 14 – شىنىڭ 47 – تۈەنىدىكى خەنزۇ ئىشچىلار بىلەن قېرىنداشلاردەك ياخشى ئۆتەتتى، دېھقان ئابدۇقادىر مەتروزى 47 – تۈەندىكى لى خۇامىڭ بىلەن 2007 – يىلى يەر تېرىش جەريانىدا تونۇشۇپ قېلىپ، ھازىر بىر ئائىلىدىكى قېرىنداش ‹‹ئاكا – ئۇكا››لاردەك بولۇپ كەتتى.

  ئابدۇقادىر مەتروزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا پىششىق بولغاچقا، ئۇدا نەچچە يىل لى خۇامىڭنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بەرگەنىدى. 2010 – يىلى ئابدۇقادىر مەتروزى لى خۇامىڭغا چوڭ ئوغلى روزىمەمەتنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ بىكار يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، لى خۇامىڭ روزىمەمەتكە ئۆزىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت دۇكىنىدا ئىشلەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى. روزىمەمەت ئابدۇقادىر ئەقىللىق، ئايىغى چاققان، خېرىدارلارغا مۇئامىلىسى ئىللىق، دېھقانچىلىق توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى كۆپ يىگىت بولغاچقا، دۇكانغا كېلىپلا لى خۇامىڭنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ، ئاسانلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىنلا لى خۇامىڭ دۇكاننىڭ ھەممە ھېسابات ئىشلىرىنى روزىمەمەت ئابدۇقادىرغا تاپشۇرۇپ، خاتىرجەم باشقا ئىشلىرىنى قىلدى. روزىمەمەت ئابدۇقادىر لى خۇامىڭنىڭ دۇكىنىدا بەش يىل ئىشلەش جەريانىدا ھاردىم – تالدىم دېمەي، ئىشلارنى كۆيۈنۈپ قىلدى، لى خۇامىڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. بۇ جەرياندا لى خۇامىڭ روزىمەمەت ئابدۇقادىرنىڭ دۇكان باشقۇرۇش جەھەتتە قابىلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدى ھەم ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى بارلىقى، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2014 – يىلى ئۆز ئالدىغا دېھقانچىلىق دورىلىرى دۇكىنى ئېچىش تەكلىپى بەردى. دېھقانچىلىق دورىلىرى دۇكىنى ئېچىشقا خېلى كۆپ مەبلەغ كېتەتتى، روزىمەمەت ئابدۇقادىرنىڭ ئۇنچىلىك كۆپ مەبلىغى بولمىغاچقا، بېشى قاتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدىغان لى خۇامىڭ روزىمەمەت ئابدۇقادىرغا مەبلەغ يېتىشمىسە، ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ يىلىلا ئۇنىڭغا دۇكان ئايرىپ بەردى ھەم 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، دۇكىنىغا مال سېلىپ بەردى. ئاكىسى لى خۇامىڭنىڭ ياردىمى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇكان ئېچىلىپ ئۈچ يىل ئىچىدە روزىمەمەت ئابدۇقادىر قەرزلىرىنى تولۇق قايتۇرۇپ، يېڭى ئۆي سېلىۋالدى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىپ، ھازىر ئېسىل پىكاپنىڭ ئىگىسى، چوڭ خىمىيەۋى ئوغۇت دۇكىنىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، بىر نان تاپسا تەڭ يەيدىغان بىر تۇغقان ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتى.

  ئەينى يىللىرى بوز يەر ئاچقاندا، شورلىشىپ كەتكەن ئېتىزلىرىم سۇ قۇيساملا توپىسى يۇمشاپ ئولتۇرۇشۇپ كەتتى، دېدى لى خۇامىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، روزىمەمەت ئابدۇقادىرنىڭ دادىسى ئابدۇقادىر مەتروزى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال ئادەم باشلاپ كېلىپ، ماڭا ياردەملەشتى، بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم. ئۇلار ئۇدا ئىككى كۈن ئىشلەپ، 300 مو ئېتىزىمنى ئاخىر سۇغىرىپ تۈگەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، روزىمەمەت ئابدۇقادىر بىلەن لى خۇامىڭ ئىككىيلەن رەسمىي قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. لى خۇامىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن روزىمەمەت ئابدۇقادىر ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدىنلا ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك ياخشى ئۆتەتتى، لى خۇامىڭ ئانچە – مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىگەچكە، ئىككىيلەن ئادەتتە ئۇيغۇرچە خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى.

  2016 – يىلى خوتۇنۇم تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى، دەرھال لى خۇامىڭ ئاكامغا تېلېفون قىلدىم، دېدى روزىمەمەت ئابدۇقادىر، كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، لى خۇامىڭ بىردەمدىلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى ھەم بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئېغىر كۈنلەردە باشتىن – ئاخىر يېنىمدا بولدى، يەنە بىر قېتىم مەن ئاغرىپ قالغاندىمۇ لى خۇامىڭ ئاكام مېنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ، بىر كۈن ئايرىلماي ماڭا قارىدى.

  روزىمەمەت ئابدۇقادىر ھازىر لى خۇامىڭنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىدىغان، خوتەن شەھىرىدىن بىرەر نەرسە ئالىدىغان ئىشلىرىغا ئېرىنمەي ياردەملىشىدۇ، لى خۇامىڭنىڭ ئاپتوموبىلى ياكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سوغۇقتا توڭلاپ قالسا ياكى بۇزۇلۇپ قالسا ھەر قانداق ئىشىنى تاشلاپ دەرھال بېرىپ ئوڭشاپ بېرىدۇ. ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا ياردەم بۇ ئىككى ئائىلىنى قېرىنداش تۇغقانلاردەك يېقىنلاشتۇردى، ئىناقلىقتىن ھاسىل بولغان مېھىر – مۇھەببەت ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى