تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

2017-يىلى ئالتاي ۋىلايىتىدە ساياھەتچىلىك كەسپى 96 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

 ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىنقى يىللاردا ئالتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كۈچەپ، «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى، يۈز كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۈمەن نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك كەسپىدە 26 مىڭ ئادەمنى بىۋاستە، 70 مىڭ ئادەمنى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  يېقىندا مۇخبىرىمىز ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قىسمەن ساياھەتچىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەرنى زىيارەت قىلدى. قېنى ئۇلار قانداق نەپلەرگە ئېرىشكەندۇ؟ قاراپ باقايلى!

«ئەڭ گۈزەل قارلىق كەنت»تىكى بەش تۈپ دەرەخ چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ خوجايىنى نارىنسايك

     نارىنسايك ئالتاي شەھەر لاست يېزىسى قاراتېرەك كەنتىدىكى سىدىك رايونى «ئەڭ گۈزەل قارلىق كەنت» تىكى «بەش تۈپ دەرەخ چارۋىچىلار ئارامگاھى»نىڭ خوجايىنى. ئۇ ئىلگىرى يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ئۇ بۇ يەردە قارلىق كەنت قۇرىدىغانلىقى بىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلدى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قوللىشىدا «چارۋىچىلار ئارامگاھى» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، كوپىراتىپقا ئەزا بولغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بايلىقلارنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە بەھرىلىنىش يولى ئارقىلىق «بەش تۈپ دەرەخ چارۋىچىلار ئارامگاھى» نى ئاچتى. بۇ ئارامگاھ 2017-يىلى نويابىردا رەسمىي تىجارەت باشلىدى، سەيلىگاھنىڭ سودىسىمۇ ياخشى بولدى.

ليۇ شۈەينىڭ (سولدىن 1-كىشى) قارغا تېيىلىش مەيدانىدا خىزمەت قىلغاندا تونۇشقان دوستلىرى بىلەن بىللە.

     «گېنېرال تېغى» قارغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ يەككە تاختا ئىجارە بېرىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇشۈەي بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەر يىلى قىشلىق تەتىلدە قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ يەردە ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ دوستلاشتى. يەنە كېلىپ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەقسىز قارغا تېيلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىشلىق تەتىلى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى.

17-يانۋار، ئاشپەز ما گوخۇا ئالتاي شەھىرىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى نەقمەيدانىدا

   40 ياشقا كىرگەن ما گوخۇا   13 يىللىق ئاشپەزلىك ھاياتىنى سەيلىگاھلاردا ئاشپەزلىك قىلىپ ئۆتكۈزدى، كەسپىنى سۆيۈپ ئىشلىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دەسلىپىدە سەيلىگاھقا كېلىپ ئىشلىگەندە، بۇ يەرنىڭ تەمىناتى ياخشى، دەم ئالىدىغان ۋاقتى كۆپ، گۈزەل مەنزىرىلەردە ھۇزۇرلىنالايمەن دەپ ئويلىغانىدىم. 13 يىلدىن بۇيان، مەن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەيلىگاھلارنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئالتايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ سەيلىگاھقا كېلىپ مەن ئەتكەن تاماقنى مەززە قىلىپ يېگەنلىكىنى، چىرايىدىن رازىمەنلىك كۈلكىلىرىنىڭ جىلۋە قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمدە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىمەن.

قارغا تېيىلىش لازىمەتلىكلىرى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى يۈ شياۋشۈەن

    شەندۇڭ ۋېيفاڭدىن كەلگەن يۈ شياۋشەن بىر تەرەپتىن ئالتايدا تۇرىدىغان بوۋا-مومىلىرىغا ھەمراھ بولغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن «گېنېرال تېغى» قارغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ قارغا تېيىلىش لازىمەتلىكلىرى دۇكىنىدا ئىشلەيدۇ. دۇكانغا كەلگەن قارغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرى ۋە قارغا تېيىلىش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان يۈ شياۋشەننىڭ شىنجاڭغا ۋە قارغا تېيىلىشقا بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى ئاشتى. چەت ئەللىك قارغا تېيلىغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى بىلەن ئۇ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنى قارار قىلدى.


 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى