جۇڭگو نەننىڭ خەلقئارا ئورمانچىلىق كۆرگەزمىسى باغچا رايونىدىن كۆرۈنۈش
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو (نەننىڭ) خەلقئارالىق ئورمانچىلىق كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو (نەننىڭ) خەلقئارالىق ئورمانچىلىق كۆرگەزمىسى باغچا رايونىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇرۇلۇشنىڭ %60ى تاماملانغان، قۇرۇلۇشمۇ ئەڭ مۇھىم باسقۇچقا كىرگەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. باغچا رايونىنىڭ ئورنى نەننىڭ شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇڭنىڭ رايونىدىكى دىڭسى تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 263 گېكتار كېلىدۇ.