رۇسىيەنىڭ سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى رۇسىيە سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات مۇزېيىدا 17-يانۋار كىشىلەر ۋاڭ خۇڭجۈننىڭ ئابستراكت ماي بوياق ئەسەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ۋاڭ خۇڭجۈننىڭ ئابستراكت ماي بوياق رەسىم سەنئەت كۆرگەزمىسى 17-يانۋار رۇسىيەنىڭ سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى رۇسىيە سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات مۇزېيىدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە ۋاڭ خۇڭجۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت مەزگىلىدىكى 60 نەچچە پارچە ۋەكىللىك ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بۇ مۇزېينىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىمىز ئابستراكت رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.