تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مائارىپ بازىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئامىنە ياخشى

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆيۈنگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. يېڭى دەۋردە ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ، ساداقىتىمنى ئىدىيەگە، روھقا سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دىققەتنى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىقىمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مائارىپ بازىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

  ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى مائارىپتا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئادەمدە، ئاچقۇچى مائارىپتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۈشمەن كۈچلەر خەلق مائارىپىغا ھە دەپ قارا قولىنى سوزۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى چىرىتىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە كاشىلا تۇغدۇردى. ياشلار، ئۆسمۈرلەر دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئوڭايلا ناچار ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەن جەزمەن سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ قاراپ، كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا باشتىن- ئاخىر سادىق بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمەن.

  مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەنلىكىمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھەر مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئورتاق ئۆگىنىدىغان چوڭ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك چاغلىرىمدا بىز ھېيت- بايراملاردا باشقىچە خۇشال بولاتتۇق، چاغاندا خەنزۇ قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە پوجاڭزا ئېتىپ، پېچىنە- پىرەنىك يەيتتۇق، ئانام خەنزۇ ھەدىلىرىمىز بىلەن بىللە پېتەك ۋە يېڭى كىيىملەرنى تىكىپ بېرەتتى؛ قۇربان ھېيتتا ھەر مىللەت ھەدىلىرىمىز بىرلىكتە ساڭزا ۋە ئەشمە قۇيماق سالاتتى، ھەر مىللەت بالىلار بىللە خۇشال- خۇرام ئوينايتتۇق. بىز بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان چوڭ ئائىلىدە ئاللىبۇرۇنلا ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلەرگە ئايلانغانىدۇق، مەن ھازىرمۇ ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى، ھەتتا بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزگە قارا قولىنى سۇندى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلمايمەن، قەتئىي قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن، قەتئىي مۇرەسسە قىلمايمەن، قەتئىي يول قويمايمەن! مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى بايرىقىم روشەن ھالدا تەنقىدلەپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش بۇرچىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن.

  بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن، ئوقۇتقۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئارزۇ قوشۇنى»نى بەرپا قىلغۇچىلار. «كىچىككىنە بور، ئاددىي دەرس مۇنبىرى دۆلەت تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك؛ ئوت يۈرەك قەلبلەر بىر ئۆمۈر مىللىي روھ ئۈچۈن شام بولۇپ يانىدۇ»، مەن پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىمەن. سىياسىي قىزىل چەكنى قەتئىي ساقلاپ، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى