تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايلى

  قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زاكىر ئىسمايىل

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە ۋە كەڭ رېئال ئاساسقا ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى. ئۇلار مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسەتكە يېتىشتۇر. بۇنىڭغا قارىتا بىزدە چوقۇم ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەك. بىز چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رېئال خەۋپىنى ئېنىق تونۇشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  پاكىت شۇنى شەكسىز ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل- ئىناق ئۆتۈشىنى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىنى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنى كۆزلىگەنلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، گۈللىنىش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە قويۇلغان يېڭى تەلەپ بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، بىز ئىلگىرىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تولۇپ تاشقان روھىي قىياپەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى روھىي قىياپىتىمىز، يېڭى خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى