مەسنەۋى سوۋغا قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
ئۆز خەۋىرىمىز: شىخو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ئارزۇسى . مەدەنىيەتنى ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» 2018-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش مەسنەۋى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى 17-يانۋار داشىگو بازىرىدا رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت مەزگىلىدە شىخو شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى پۈتكۈل شەھەردىكى ھەرقايسى بازار-مەيدان، كوچا باشقارما، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ چاغانغا ئاتاپ يېزىلغان مەسنەۋىلەرنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، چاغانلىق ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ.