تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار تۇرمۇشتا گۈزەللىكىنى قانداق ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك

   ئەتىگەنلىك ناشتىنى مول يېيىش

  كۆپ ساندىكى خانىم-قىزلار، بولۇپمۇ خىزمەتتىكىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەنلىك ناشتا بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇقنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى يېمەي، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى ھەرقانچە قۇۋۋەتلىك يېگەن بىلەنمۇ پايدىسى يوق. خانىم-قىزلار سەھەر تۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن بىر ۋاق مول ناشتىلىق تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

   سەھەردە بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەش

  بىر كۈن بۇرۇن يېگەن يېمەكلىك بىر كېچە ئۇخلاش داۋامىدا ھەزىم قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەتىسى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي، يېغىلىپ قالغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان–ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، ئەتىگەندە بەدەندىكى زەھەرنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلىغاندا كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن شەكلىگە ئېرىشىپلا قالماي، ساغلام تەنگىمۇ ئېرىشىسىز .

  كۆكرەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش

  ئاياللار 35 ياشتىن باشلاپ، ئەمچەك توقۇلمىسى ۋە ماي ئىقتىدارىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆكسى ساڭگىلاش، كۆكس دېغى يىغىلىپ قېلىش، سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاياللار يېمەكلىك ۋە ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كۆكسىنى ئاسراش كېرەك.

  ئاپېلسىن، ئۈزۈم، چوڭ ئاپېلسىن، پەمىدۇر قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرگەندە، كۆكس شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كاللەكبەسەي، چېچەكسەي، ئاپتاپپەرەس مېيى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A بار يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا پايدىلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن، مەسىلەن، راك، قۇلۇلە تەركىبىدىكى سىنك ئانىلىق ھورمون ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى .

   سۇنى كۆپ ئىچىش

  بىر كۈن ئىچىدىكى سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولسا ئەتىگەن، ئەتىگەندە تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ياكى ھەسەل سۈيى، سۇس تۇز سۈيى ئىچسە ئۈچەينى تازىلاش رولى بار .

  تۈنىمەسلىك

  تۈنەشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كېچە سائەت 11 دىن بۇرۇن چوقۇم ئۇخلاپ بولۇش كېرەك.

  ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش

  كۈندە ياخشى كەيپىيات ساقلاپ كەلگەن كىشىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ. خۇشال يۈرسىڭىز چىرايىڭىزمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ناچار كەيپىيات سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق. شۇڭا كەڭ قورساق، ئۈمىدۋار، خۇشال-خورام ياشاشنى ئۆگىنىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى