تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭ ئايرودۇرۇملىرىدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 32 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتكۈزۈلىدۇ

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گورۇھى 2018-يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 32 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 22 مىليون ئادەم (قېتىم) گە، ھەرقايسى تارماق ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 10 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

 شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى جاڭ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلغان، تارماق ئايرودۇرۇمدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ساياھەت لىنىيەسىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ سانى 25 كە ، قاتنايدىغان دۆلەت سانى 18 گە، قاتنايدىغان چېگرا سىرتىدىكى شەھەر 25 كە يەتكەن.

 2018-يىلى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئومۇميۈزلۈك ھالدا خەلقئارا «يىپەك يولى» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. قۇرۇلۇش ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى «يىپەك يولى» كارىدورىغا يۈزلىنىپ، يىل ئىچىدە  ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان بىر ياكى ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن. ئاۋىياتسىيە تور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشىلاپ ۋە تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئايرودۇرۇملاردىن شەرقىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمال قاتارلىق رايونلارغا قاتنايدىغان بىۋاستە ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلارغا بەش سائەتتىلا بارغىلى بولىدىغان ھاۋا قاتناش چەمبىرىكى شەكىللىنىدىكەن.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى نۇقتىلىق ھالدا قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا، خوتەن، قاراماي، قومۇل قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە قاتنايدىغان تارماق لىنىيەلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ئايلانما ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا قەشقەر ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قاراماي تارماق لىنىيەسى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى چۆرىدىلىپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى يېتەكچى قىلغان يەكەن، چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردىن پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدىكەن، ئاساسىي ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىشى كېڭەيتىلىپ، «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» بايلىقى ئېچىلغان قاناس، نارات، كۆكتوقاي قاتارلىق قىسقا مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قولايلىق بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى