تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

كۆڭۈللەر يېقىنلاشتى، چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تاشتى

18- يانۋار جاۋپېي زېڭ(ئوتتۇرىدا) ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر پارنىكچىلارغا پارنىكتا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى 3-ئوچا كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى بارلىققا كېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭراپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلى يېقىنلاشتى، چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تاشتى.
    3-ئوچا كەنتدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا 120 دىن ئارتۇق خەنزۇ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ 2000 مو كۆلەمدە 411 پارنىكى بار بولۇپ، ئۇلار بەش يىلدىن بۇيان جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، پارنىك تېرىقچىلىقى جەريانىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم  بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىش مۇساپىسىدە چوڭقۇر  مېھىر-مۇھەببەت ئېقىننى ھاسىل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى