تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئېتىقادنى ساقلاش يولىدا

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنى زىيارەت

   گەي يۇجۈن، دېڭ لىجۈەن

  قۇربان نىياز 8-يانۋار ئەتىگەن مەكتەپكە بالدۇرلا كېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. 15 يىل ئۆتتى، بۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹بوۋاق››تىن ئۆسۈپ يېتىلىپ ‹‹ئۆسمۈر››گە ئايلاندى، 53 ياشلىق قۇربان نىياز ئۆزىنىڭ 15 يىللىق ھاياتىنى بۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىدى. ھازىر بۇ ‹‹ئۆسمۈر›› ئۇنىڭ پەخرىگە ئايلاندى.

   ئېتىقادنىڭ كۈچى

  قۇربان نىياز ئالغا بازىرىدىن چىققان تۇنجى ئىستۇدېنت، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان، سودىمۇ قىلىپ باققان. 2003 – يىلى 38 ياشقا كىرگەن قۇربان نىياز ئائىلىسىدىكى بارلىق بېساتىنى چىقىرىپ، يۇرتىدا دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇشنى قارار قىلغان.

  قۇربان نىياز مەكتەپ قۇرۇش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئالغا بازىرىدىكى ئاھالىنىڭ %99.5ى ئۇيغۇر، كۆپ ساندىكىلىرى پۇتۇڭخۇانى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن كىشى ئۆمرىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىنمۇ چىقىپ باقمىغان، ئۇلار دۇنيانى مۇشۇنچىلىكلا دەپ بىلىدۇ. دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا چىققاندىلا، تېخىمۇ كەڭ دۇنيانى كۆرگىلى، مەنىۋىيەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئىدىيەدىكى نادانلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش بۇ دەرۋازىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەندىلا، بالىلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

  قۇربان نىيازنىڭ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى پۇقراۋى مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتاتى يوق، بىر يىلدا ئاران سەككىز ئايلا خىزمەت قىلىدۇ، قالغان تۆت ئايدا يەنە باشقا يەردىن ئىش تېپىپ قىلىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 200 نەچچە ئوقۇتقۇچى كېلىپ كېتىپ بولدى. ھەر قېتىملىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن ئىلگىرى، قۇربان نىياز يېڭى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. قىيىنچىلىق ئېغىر بولسىمۇ، بىراق قۇربان نىياز ئېتىقادىدىن باشتىن – ئاخىر تەۋرىنىپ قالمىدى، ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، تىل بىلسىلا، ھېسسىيات چوڭقۇرلىشىدۇ، مەدەنىيەت ئالاقىسى دىلنى يورۇتىدۇ.

  بۇ يىل لى خۇڭنىڭ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ ھازىر دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى. لى خۇڭ ئەينى چاغدا دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2003 – يىلى مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز بىلەن تۇنجى كۆرۈشكىنىمدە، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇش ئويى بارلىقىنى ئاڭلاپ، شۇنچىلىك ھاياجانلانغان ھەم ئۇنى قوللاشنى قارار قىلغانىدىم. بىز بىرلىكتە نۇرغۇن بوران – چاپقۇننى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدۇق. ۋاقىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ توغرا قارار چىقىرىپتۇ.

  لى خۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. يېڭى ياتاق بىناسى سالدۇق، يېڭى پارتا – ئورۇندۇقلارنى سېتىۋالدۇق، ھەر بىر سىنىپقا ‹‹لېنتىغا ئېلىپ ئاڭلىتىش دەرسخانىسى›› ۋە زامانىۋى كۆپ ۋاسىتىلىق ئېلېكتىرلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدۇق. ناھىيە 2016 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۈچۈن 700 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بەردى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئىلگىرىكى تۆتتىن ھازىر 32گە، ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى 80دىن 850كە كۆپەيدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن، دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى پۇقرالارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىسىنى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىشنى ئويلايدىغان بولدى.

   مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش

  دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3 – قەۋىتىدە 120 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ سىنىپ بار. تەشمە نەقىشلىك تامغا قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى گۈللۈك رامكا نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن سىنىپتىن جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، بۇ قۇربان نىياز قۇرغان ئۆسمۈرلەر سارىيى. قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: بالىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بۇ يەردە خەتتاتلىق مەشىقى قىلىدۇ، كوتو چېلىشنى، شىر ئوينىتىشنى ئۆگىنىدۇ، ياڭگېر ئۇسۇلىنى رېپېتىتسىيە قىلىدۇ.

  دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ‹‹ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى››، ‹‹ئادەم بولۇش يولى››، ‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان›› قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرگە دائىر تەشۋىقات رەسىملىرىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. مەكتەپنىڭ قورۇق تېمىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورى ۋە دەرسخانا تاملىرىغىچە ھەممە نەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇانىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى ئۈن – تۈنسىز قوبۇل قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. 3 – يىللىقتىن يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان››نى بىر خەتنىمۇ قالدۇرماي تولۇق يادلاپ بېرەلەيدىكەن.

  ھەر قېتىملىق تاڭزۇڭزا بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا، مەكتەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى تاڭزۇڭزا تۈگۈش، يۆبىڭ يېيىشكە تەشكىللەپ، ئۆزگىچە بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

  يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئوقۇتۇش بىناسىغىچە تۇتىشىدىغان يولنىڭ ئوتتۇرىغا كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ۋە ھەر كۈنلۈك دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدىن ئىلگىرى، ئوقۇغۇچىلار رەتلىك تىزىلىپ، قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بۇ مەرىپەتچىگە تەزىم قىلىدىكەن ھەم ‹‹بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭخۇا پەرزەنتى بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. بىز بېيجىڭنى سۆيىمىز، بېيجىڭ تيەنئەنمېنگە تەلپۈنىمىز››، دەپ قەسەم بېرىدىكەن.

  قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: قەسەم سۆزىنى 2003 – يىلى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرغاندا يازغان، ھازىر 15 يىل بولدى. كىچىك ۋاقتىدا كاللىغا سىڭگەن نەرسە كىشىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەن بالىلارنىڭ پاك قەلبىگە توغرا ئىدىيەنى سىڭدۈرمەكچى!

  قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. مېنىڭچە، شىنجاڭدا دۆلەت تىل – يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتقىلى بولىدۇ. مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ سەككىز يىللىق تۈزۈمدىكى تېبابەت تەجرىبە سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇسا تۇرغۇن مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مۇسا تۇرغۇن 2010 – يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، 2016 – يىلى چىڭخۇا داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىكەن.

  مۇسا تۇرغۇن مۇنداق دېدى: قىشلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتقاندا، ئانا مەكتىپىمنى، قۇربان نىياز مۇدىرنى يوقلايمەن. قۇربان نىياز مۇدىر ھاياتىمدىكى مۇھىم ئادەم، ئۇ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇپ مېنى مۇشۇنداق ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى. ھەر يىلى قىشلىق تەتىلدە ئۇنى كۆرگىلى بارىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىمغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، دائىم تېلېفون قىلىپ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدۇ. ئۇ بىر ياخشى ئۇستاز، ياخشى ئاتا.

  ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تەنتەربىيە ئالىي تېخنىكومىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەزىمەت ئابدۇغىنى مۇنداق دېدى: دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئاتا – ئانام ئالغا بازىرىدا سودا قىلىدۇ، سىڭلىم ئىككىمىز دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۇق. بۇ يىل سىڭلىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىشىدە گەپ يوق. سىڭلىم ھازىر دادام – ئاپاملارغا ‹‹مۇئەللىم›› بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.

  15 يىلدىن بۇيان، بۇ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە يەتتە قاراردا 340 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزدى، 257 ئوقۇغۇچى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى، 1190 كىشى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىدىن مەنپەئەتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى