تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىمەن

  جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مۇقىيىت كۆكىناي

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇش تۇيغۇسى ئارقىلىق سۆز، ھەرىكىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسى تەربىيەسىنى پائال تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي جەريانىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان خالىس ياردىمىنى؛ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. بۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، شۇنداقلا چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش نىيىتىدىن تېخى يانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. مەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى، ئاۋانگارت بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مەن ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى ۋە دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ چىقىمەن، تەلتۆكۈس يوقىتىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەيمەن ھەم ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ، باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى ئۈنۈملۈك پۇختىلايمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. مەن ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى