18-يانۋار، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن 96-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كىشىلەر ۋولكىس ۋاگىن ئېلىكتىروموبىلىنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىريۇسسېل ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ياۋروپادىكى تۆت چوڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى. بۇ قېتىملىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 12-يانۋار باشلىنىپ، 21-يانۋار ئاخىرلىشىدۇ. بىر قىسىم ئاپتوموبىل ماركىلىرى ھەرخىل تىپتىكى ئېلېكتىروموبىلنى بازارغا سالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.