تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18 – يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) 82 تىرىليون 712 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. مال باھاسى ئۆزگەرمىدى دەپ ھېسابلىغاندا،ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2016 – يىلىدىكىدىن %6.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2011 – يىلى تۆۋەنلىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ. پەسىل بويىچە قارىغاندا، 1 – پەسىل ۋە 2 – پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2016 - يىلىنىڭ شۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئوتتۇرىچە %6.9 ئاشقان، 3 – پەسىل ۋە 4 – پەسىلدەيىلىنىڭ شۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.8 ئاشقان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى 2017 – يىلى مۇقىم ئاساستا ياخشىلاندى، مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى، مۇقىملىق، ماسلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى.

  ئېھتىياجدىن قارىغاندا، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 2016 – يىلىدىكىدىن %7.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2016 – يىلىدىكىدىن %10.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن يىللىق ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2016 – يىلىدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئوڭشالغان.

  ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن قارىغاندا، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنغان، چارۋىچىلىق مۇقىم تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2016 – يىلىدىكىدىن %6.6 ئەمەلىي ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى 2016 – يىلىدىكىدىن %8.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىدە بەش يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ئىجادىي تەرەققىيات سىجىل كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 390 مىليون 80 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 7 مىليون 370 مىڭ نوپۇس كۆپەيگەن. ياش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 901 مىليون 990 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %64.9 بولغان؛ 60 ياش ۋە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 240 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.3 بولغان. شەھەر – يېزا قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، شەھەر – بازارلاردىكى دائىملىق نوپۇس 813 مىليون 470 مىڭ بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 20 مىليون 490 مىڭى كۆپەيگەن؛ شەھەر – بازار نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى (بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى) %58.52 بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1.17 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى