دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ئېغىر نامرات كەنتلەرگە تاللاپ ئەۋەتىدىغان 1 – شۇجىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر كەنتلەرگە تاللاپ ئەۋەتىدىغان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئېغىر نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئېغىر نامرات ناھىيەلەر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئېغىر نامرات كەنتلەرگە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە بىڭتۈەندىن بىردىن 1 – شۇجى تاللاپ ئەۋەتىشنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن بۇ ئېغىر نامرات كەنتلەرگە بىردىن كادىر، جەمئىي 2578 كادىرنى كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، بىڭتۈەن، ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئېغىر نامرات كەنتلەرگە تاللاپ ئەۋەتىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۇ خىزمەتكە ھېسسىيات، بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن ئاتلىنىپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، خىزمەتكە پۈتۈن زېھنىنى بېرىپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، بىلىم توپلاش جەريانى، شۇنداقلا ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەريانى بولۇپ، دەل جايىدا بولۇش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىمنى يۆلەش›› مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز؛ ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ‹‹نېمە بىلەن يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز؛ نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹قانداق يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز؛ مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹كىم يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز؛ قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، ‹‹يۆلىيەلمىسە قانداق قىلىش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتكومنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، جاپالىق ئەجرىمىز ئارقىلىق يېزىلاردا شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، دەۋرنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1 – قاراردا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىدىن ئېغىر نامرات كەنتلەرگە تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان 1 – شۇجىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان 791 ئەزا كۇرسقا قاتناشتى.