ئەخمەتجان سابىت ئوخشىغان شوخلىرىدىن خۇشاللانماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى 3- ئوچا كەنتىدىكى دېھقان ئەخمەتجان سابىت بۇلتۇر 3.2 مو كۆلەمدىكى ئىككى پارنىكقا شوخلا مايسىسى كۆچۈرۈپ، تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مايسىلارنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن شوخلىلار تازا ئوخشاپ ئوبدان مېۋە بەردى. ئۇ بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئاخىردىن بۇ يىل 18- يانۋارغىچە ھەر بىر پارنىكتىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، پارنىك تېرىقچىلىقىدىن نەپكە ئېرىشتى.