تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان ھامان ھېساباتقا كىرىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بىر ئايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە قەرز بولۇپ قالغان ليۇ ۋېنۋېن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشكە بېرىپ، بەش مىنۇتقا قالمايلا ئىشلىرىنى بېجىرىۋالدى، ئۇنىڭ سۇغۇرتا كارتىسى شۇ ھامان ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۈچ-تۆت كۈن ساقلىمىسىمۇ بولاتتى. بۇ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ يادرولۇق 3-نۇسخا سىستېمىسى»نىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنكىنىڭ پايدىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىستېما 8-يانۋار رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئۇ ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك قولايلىقنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرسا شۇ ھامان ھېساباتقا كىرىش، يەنە بىرى، ئۇنىۋېرسال پۇكەي خادىمى تۈزۈمى مۇلازىمىتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۈي لېي مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر ئىلگىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرسا، مالىيە بۆلۈمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتەتتى، مالىيە بۆلۈمىدىكىلەر بانكا بىلەن ئالاقىلەشمىسە بولمايتتى، بۇنداق ئۈچ-تۆت كۈن ساقلاش سۇغۇرتىلانغۇچىغا نىسىبەتەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن ئۆز ۋاقتىدا بەھرىلىنىشكە ئامالسىز قېلىش بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپى، مالىيە ئىشلىرى، بانكا ئارىسىدا ھەر ۋاقىت تور تۇتىشىش ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، سۇغۇرتا تاپشۇرغۇچىلار ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن شۇ ھامان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

  ئۇنىۋېرسال پۇكەي خادىمى تۈزۈمى مۇلازىمىتى بولسا، بىرلا كۆزنەك ئارقىلىق كەسىپ بېجىرىش بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغۇچىلار ئۆچرەتتە ئاز تۇرىدۇ، يولنى ئاز ماڭىدۇ.

  شەخسلەر قولايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، ئادەم ئىشكەتكۈچى ئورۇنلار رەقەملىك گۇۋاھنامە ئارقىلىق توردىلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرالايدۇ. رەقەملىك گۇۋاھنامە ئالغان ئورۇنلار CA ئورگان تورىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قوللانمىسى ئىقتىدارىنى ئاچسىلا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا زالىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق؛ رەقەملىك گۇۋاھنامە ئالمىغان ئورۇنلار شىنجاڭ CAنىڭ ھەر قايسى قوبۇل قىلىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ رەقەملىك گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلسا ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قوللانمىسى ئىقتىدارىنى ئاچسا بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئورگان تورى(http://www.xjrs.gov.cn) غا كىرىپ، «تور مۇلازىمەت زالى(网上服务大厅)»نى چېكىپ، ئاندىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(ئۈرۈمچى) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ 3-نۇسخا تور كەسىپ زالى رەقەملىك گۇۋاھنامە بېجىرىش باسقۇچلىرى»نى باسسا بولىدۇ.

  «يېڭى 3-نۇسخا» سىستېمىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ شەخسلەر تور زالىدىمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرگىلى بولىدۇ، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى»(新疆人社)نىڭ APPسىمۇ نۆۋەتتە ئىچكى قىسىمدا بۇنى سىناق قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى