بىر ئەر 18-يانۋار نيۇيورك شەھىرىنىڭ مانخاتتان دەۋر مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت مەخسۇس يولىدا كېتىۋاتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: نيۇيورك شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسى يېقىندا مانخاتتان شەھەر مەركىزىدىكى يوللاردا ۋېلىسىپىت يولى كۆپەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. نيۇيورك شەھىرىدە نۆۋەتتە جەمئىي 1930 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا مەخسۇس ۋېلىسىپىت يولى بار، 2017-يىلى 23 نەپەر ۋېلىسىپىت مىنگۈچى قازا قىلغان، بۇ نىسبەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆپ بولغاچقا، ۋېلىسىپىت مىنگەن ۋاقىتتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇلغان تەلەپ قاتتىق بولغان.