تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە «رەڭدار قىش» تېمىسىدا قىشلىق تەتىللىك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە چىقىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مەدەنىيەت ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەدەنىيەت سارايلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرى بىلەن بىرلىكتە «رەڭدار قىش» تېمىسىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىشلىق تەتىللىك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  پائالىيەت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا، پەن-تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ، شۇنداقلا چاغاننىڭ ھارپىسى، چاغان، يۈەنشياۋ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنى پۇرسەت قىلغان ھالدا تۈرلۈك شەكىللەردە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مەدەنىي قائىدە-يوسۇنلار، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى «مەدەنىي، خۇشال، بىخەتەر، ئىللىق، ئەھمىيەتلىك» ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى