تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

قەھرىتان قىشتىكى مەزمۇت قارىغايلار قاناسنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى

  قاناس سەيلىگاھىدا ئاپئاق قار خۇددى قارىغايلارنىڭ «ئاق كۆينىكى»دەك كۆرۈنىدۇ.

 ئۆز خەۋىرىمىز: 16-يانۋار بوشلۇقتىن لەپىلدەپ تۆكۈلگەن قار گۈللىرى قاناس سەيلىگاھىدىكى قارىغاي ئارچىلىرىنىڭ ئۈستىگە قونۇپ، تىمتاسلىققا بۆلەنگەن قاناسنى سىزما سۈرەت تۈسىگە كىرگۈزدى.

    ئاپئاق قار بىلەن تەڭ قاناس كۆلىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، تاغ چوققىلىرى قىرلىرىنى يوشۇرۇپ، ئۆي ۋە كىچىك كۆۋرۈكلەر ئۇچىسىغا يارىشىملىق لىباس ئارتىپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان غۇژمەك قارىغاي ئارچىلىرى قار گۈللىرىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئىزغىرىن شامالدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك كۆرۈنەتتى.

    قار توختىغان شۇ دەقىقىدە كىشىنى شېرىن تەپەككۇر قوينىغا يېتەكلىگەن بارچە گۈزەللىك شۇ پېتدىلا تۇرۇپ قالدى.

   نەچچە مىڭ تۈپ قارىغاي ئارچىلىرى دەريا يولىنىڭ ئەتراپىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تاغ چوققىلىرىنىڭ باغرىدىكى ئاق قار خۇددى تاغقا كەيگۈزۈلگەن ئاق كۆينەكتەك شامالغا ئەگىشىپ لەرزان لەپىلدەپ، دەريا ئېقىنىڭ پەس ئاۋازىدىكى خورى بىلەن بىرىكىپ قاناس سەيلىگاھىنى ئۇستا رەسسامنىڭ سەنئەتلىك ئەسىرىدەك جەلپكار تۈسكە كىرگۈزدى.

    ئىگىلىنىشىچە، قاناس سەيلىگاھىدا لىشاينىك تۈرىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكتىن 20 ئائىلە 40 ئۇرۇقداش 103 خىل، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن جەمئىي 119 ئائىلە 398 ئۇرۇقداش 921 خىل بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلىرى 67 ئائىلە 294 ئۇرۇقداش 723 خىلغا يېتىدىكەن. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكتىن 10 نەچچە خىلى بار ئىكەن.

   قاناس كۆلىنى مەركەز قىلغان كۆل بويى، جىلغا، تەسكەي يانباغىر ۋە يېرىم تەسكەيلىكنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمىنى ئورمان يېپىنجىسى قاپلىغان بولۇپ، ئاساسلىق دەرەخ تۈرى شىنجاڭ بال قارىغىيى، شىنجاڭ شەمشادى، شىنجاڭ ئاق شەمشادى، شىنجاڭ  يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جايدا يەنە ياۋروپا تاغ تېرىكى، ياۋروپا ئاق قېيىنى قاتارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

(جياۋ بەيخۇي، ليۇ جا فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى