تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى كۆلىمى 80 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ

   ئۆز خەۋىرىمىز خەۋىرى: ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، كۆچمە چىقىم، ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن زىچ بىرىكىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇر ئىستېمالى ئاللىقاچان نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز 2018-يىلى ئۇچۇر ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال كۆلىمىنى 80 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 17-يانۋار 2 چاقىرىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018 - يىللىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلشىىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىلى كۆچمە ئالاقە تورى، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇچۇر ئىستېمال دائىرىسىنى 70 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەن بولۇپ، 2016 - يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %15 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇچۇر ئىستېمالى نۆۋەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ جانلىق، تەرەققىياتى ئەڭ تېز ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان . ئالاقە تورى تېخنىكىسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئىستېمالى تېز راۋاجلانغان، شۇنداقلا تورنى ئاساس قىلغان ھالدا تېزلىشىشتىن تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تېزلىشىشتەك يېڭى شەكىلگە قاراپ ئۆزگەرگەن. ئۇچۇر تېخنىكىسى ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتكەن، ئۇچۇر ئىستېمالى كۈندىن كۈنگە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان.

 ئاپتونوم رايونىمىز  2018-يىلى ئۇچۇر ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن تەڭ پايدىلىنىش-ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى تەدرىجىي بۇلۇت سۇپىسىغا يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قولايلىق ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە قوللىنىشى، ئاقىل ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك سىناق نۇقتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى يېتەكچى قىلغان ئۇچۇر ئىستېمالى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمىنىڭ 80 مىليارد يۈەنگە يېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى