17-يانۋار، نەنجىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرى يىغىپ كەلگەن ساختا پويىز بېلىتىنى سانىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، نەنجىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرى ساختا پويىز بېلىتى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، جياڭسۇ چاڭجۇدىكى بىر ساختا بېلەت ياساش ئۇۋىسىنى يوقاتتى. ساقچىلار گۇماندار جۇ فامىلىلىكنى قولغا ئېلىپ، 425 ساختا بېلەت، تېخى پۈتمىگەن 2300 ساختا بېلەت، بىر كومپىيۇتېر، بىر كۆپەيتىش ماشىنىسى ۋە 440 مىڭ يۈەننى مۇسادىر قىلدى. نۆۋەتتە گۇماندار جۇ فامىلىلىك نەنجىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.