شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 17-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن سۇ تۇرۇبا لىنىيەلىرىدە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن 19-يانۋار مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، رېلىسلىق قاتناش 4-لىنىيەسىنىڭ بەينياۋخۇ بېكىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داشېن كوچىسىدىكى دىئامېتىرى 300 مېتىر كېلىدىغان شەھەر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى كۆچۈرۈلىدىكەن، شۇ سەۋەبلىك 19-يانۋار سائەت 10:00دىن 20-يانۋار سائەت 10:00 غىچە شەھەرلىك 66 -ئوتتۇرا مەكتەپ، شاڭخەي داجوڭ ئاپتوموبىلى دۇكىنى، جوڭچېڭ خەلقئارا شەھەرچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا سۇ توختايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى بۇ لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ يېتەرلىك سۇ ساقلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى. مۇبادا ھاۋا ئۆزگىرىشى ۋە باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەر يۈز بېرىپ قالسا سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.