ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك 11-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان « ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سەنئەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتنى سۆيۈش» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 11-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە قەشقەر شەھەرلىك پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قەشقەر شەھەرلىك 11 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 260 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ سىدام سىزما، جۇڭگوچە رەسىم، سۇ بوياق رەسىم، خەتتاتلىق، قەغەز قىيمىچىلىقى، بېزەكچىلىك ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلدى.