تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن

  CPECC شىنجاڭ نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، يول - كۆۋرۈك ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سەمەت ئابلەت

  شىنجاڭ ـــ  ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىللە ئىشلەپ، بىللە ياشاۋاتقان جاي. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى بىرلىكتە ياراتتى، ۋەتىنىمىز قوينىدىكى شىنجاڭنى بىرلىكتە ئېچىپ، بىرلىكتە قۇرۇپ، بىرلىكتە قوغدىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغىدى، دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىپ، نۇرغۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە زور زىيان سېلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

  تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ـــ ئاپەت». پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن. مەن دائىم ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئەتراپىمدىكى يولداشلارغا: بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ كەلدىم.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن، ھەر بىرىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتىكى زېرەك ئادەم بولىمەن، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ئۆزۈمگە ئەڭ مۇھىم تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ روھىمنى پاكلاپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. «گىرۋەك توپ ئوينايدىغانلار»نىڭ سۆزىگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى بايقاشقا، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى بايقاشقا ماھىر بولىمەن، «ياخشىچاق» بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، «كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان» ناچار ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىمەن، مۈجمەل كۆز قاراشلارغا قارىتا ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خاتا ئىدىيە، قاراشلارغا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت سادايىم، قەتئىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

  بىرىنچى، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئىككىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىناق، دوستانە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھىتى يارىتىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنى شەرتسىز، كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ «زىيان تارتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش» نىشانىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

  ئۈچىنچى، نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىمەن، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىركەتتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى