تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دادىل باشلامچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر يالقۇن مەسۇم

  شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەبىي بالىدىن پىيونېر، ئىتتىپاق ئەزاسى، كومپارتىيە ئەزاسى بولغىچە باسقان ھەر بىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلمايدۇ. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلالىدى، ئورتاق گۈللىنىپ ئىلگىرىلىيەلىدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» خاتىرجەم، ئىتتىپاق، ئاۋات، تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بار ئاماللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇساپىمىزگە بار ئاماللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىرلار، ئامما ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قوي تېرىسىگە ئورۇنۇۋالغان بۆرىگە ئوخشاش ئالدىمىزدا ھەققانىيەتچى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئارقىمىزدا قارا قولىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار سىياسىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلەر، ھەرىكەت جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، ئەخلاق جەھەتتىكى ساختىپەزلەردۇر. ئۇلار ئاغزىدا ياغلىما سۆزلەرنى قىلىپ، ئەمەلىيىتىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى، پارتىيەدىن يىراقلىشىپ، ھەر مىللەت خەلققە ساختا مۇئامىلە قىلدى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»تىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قەبىھ بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ ئېغىر زىيان سالدى. بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىر كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى تۈگىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ دۈشمىنى، ئۇلارنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. دادىل باشلامچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك. مەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پائال تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»نى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ـــ ئاپەت» دېگەن ئاڭنى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرىمەن، بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى قىلمىشلارغا «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن زەربە بېرىمەن.

  ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە سۈكۈت قىلغانلىق ـــ خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك، دۈشمەنگە يول قويغانلىق، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇشىمىز، ھەر مىللەت خەلقنى غايە- ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز، نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي جەھەتتە پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، سادىقلىقىم، مەسئۇلىيىتىم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى